ھاياتلىقتا دوستىن ئايرىلالمايمىز

alkuyi.com
2020-11-07
來源:baidu.com

كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەممىمىز دوستىن ئايرىلالمايمىز. دوست ئۇ سەپىرىمىزدىكى ھەمراھ، يولىمىزنى يورۇتقۇچى نۇرلۇق چىراغ، ئۇ بىر جۈپ ئىللىق قول. دوست بولسا يوللار راۋان، دوست بولمىسا ئاشماق تەس داۋان.

دوست بىزگە قىلىنغان ئەڭ ياخشى سوۋغات، ئۇ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىمىزدە بىزگە ھەمراھ بولىدۇ، بىزگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ، بىزنى تەسىرلەندۈرىدۇ. يېنىمىزدا دوستىمىز بولسا، ھەر قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىساقمۇ، ئۆزىمىزنى خاتىرجەم ھېس قىلىمىز. دوست ئىزچىل يۆلەك بولسا، قىينىچىلىق ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ قورقمايمىز.

دوستلۇق بالدۇر، كېيىن دەپ ئايرىلمايدۇ، پەقەت چىن ياكى ساختا دەپ ئايرىلىدۇ، دوستلىشىشتا باي كەمبەغەللىككە ئەمەس، پەزىلەتكە قاراش كېرەك. ھەقىقىي دوست مەڭگۈ سىزگە ئازار بەرمەيدۇ، پەزىلەتلىك دوست مەڭگۈ سىزگە ئورا كولىمايدۇ. ھەقىقىي دوستقا ۋاقىت چەكلىمىسى بولمايدۇ، ياخشى دوست سىناقتىن قورقمايدۇ.

تونۇشقاننىڭ ھەممىسى دوست ئەمەس، دوستلارنىڭمۇ ھەممىسىنىڭ سەمىمىي بولۇشى ناتايىن. بەزى دوستلار بىلەن سالام سائەت قىلىشپ ئۆتۈشكىلا بولىدۇ، قويۇق ئارىلىشىشقا بولمايدۇ. بەزى دوستلار بىلەن پاراڭلىشىشقىلا بولىدۇ، ئەمما سىردىشىشقا بولمايدۇ. بەزى دوستلار ئېغىزدا ھە دەپ قويىدۇ، بەزى دوستلار باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدۇ.

دوستنىڭ ھەقىقىيسىمۇ، ساختىسىمۇ بولىدۇ، دوستنىڭ ھەقىقىي ياكى ئەمەسلىكىنى قۇلاق بىلەن ئاڭلاپ ئەمەس، بەلكى كۆز بىلەن كۆرۈپ، قەلب بىلەن ھېس قىلىش كېرەك. ھەقىقىي دوست بىرەر ئىشقا يولۇققىنىمىزدا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغىنىمىزدا بىزگە يۆلەك بولىدۇ، ئۆزىنىڭ قانچىلىك بەدەل تۆلىگىنى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ، جاۋاب قايتۇرۇش قايتۇرماسلىقىمىزغا ئېرەن قىلىپ كەتمەيدۇ.

دوست دەپ چاقىرىش ئاسان، ئۆمۈرلۈك دوست بولۇش تەس. نۇرغۇنلىغان ياخشى دوستلارنىڭ تۇيۇقسىزلا مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، نۇرغۇنلىغان ياخشى دوستلارنىڭ ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارلىق يىراقلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ يىراقلىشىشى ئەمەس، بەلكى كۆڭۈلنىڭ يىراقلىشىشى، ئۇلار قايتا كۆرۈشكەندە تەكەللۇپ قىلىشىدىغان، گەپ بىر يەردىن چىقمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، قايتا جەم بولغاندا بولسا، ياتلاردەك پاراڭلىشىدىغانغىمۇ تېما چىقماي قالىدۇ.

دوستلار بىلەن ئۇچرىشىش ئاسان ئەمەس، دوستلار بىلەن جەم بولۇشىنىڭ ئۆزى بىر بەخت. بۇ ئۆمرىدە دوست بولۇش پىشانىگە پۈتۈلگەن ئىكەن، ياخشى دوستلاردىن بولۇپ، ئۆز ئارا ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇپ، كۆپرەك چۈشىنىپ، تالاش-تارتىش قىلماي ئۆتكەندە، بىللە بولغان ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ھېسسىيات چوڭقۇرلىشىپ، بىر ئائىلە كىشلىرىدەك بولۇپ قالىدۇ.