نۆۋەتتە سىرتتا پۇل تۆلەشتە ئاساسەن «كۆچمە ھەق تاپشۇرۇش»قا تايىنىمىز، يان تېلېفوندىن بىرنى ئېلىۋالساقلا «جاھان كېزەلەيدىغان» ئەھۋالدا، نەق پۇل ئېلىپ يۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئەنئەنىۋى نەق پۇل تۆلەش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كۆچمە چىقىم قىلىش قولايلىق، مەشغۇلاتچانلىقى يۇقىرى بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە، شۇڭا ئۇ قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە نەچچە يۈز مىليون ئابۇنتنى توپلىيالىدى.
نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىچىدىكى كۆچمە چىقىم بازىرىدا، ئۈندىدار ۋە جىفوباۋ ئاساسىي جەھەتتىن مونوپول ئورۇندا تۇرىدۇ. ئابۇنتلار مىقدارى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۈندىداردا پۇل تۆلەيدىغان ئابۇنتلار 1 مىلياردتىن ئېشىپ، جىفۇباۋنىڭ ئالدىدا تۇرغان. لېكىن سودا سوممىسىدىن قارىغاندا، جىفۇباۋنىڭ پۈتۈشۈش ئومۇمىي سوممىسى ئۈندىداردىن كۆپ، شۇڭا بۇ ئىككىسى تەڭ بۆلۈشۈش ھالىتىدە تۇرىدۇ. جىفوباۋ بىلەن ئۈندىداردا پۇل تۆلەشنىڭ مودا بولۇشى ئوخشاش بىر مەسىلىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ بولسىمۇ: كۆچمە چىقىم ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي ئېقىم ئىستېمال ئۇسۇلىغا ئايلاندى، نەق پۇل دەۋرى كەلمەسكە كەتتى!
لېكىن بۇ پەقەت دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالى. بەزى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە نەق پۇل چىقىم قىلىش يەنىلا ئاساسىي ئېقىم بولۇپ، كۆچمە چىقىم قىلىش ئۇنچە قارشى ئېلىنبمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قانچىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە كۆچمە چىقىم قىلىش مودا ئەمەس. مەسىلەن، ئامېرىكىدا نەق پۇل ئىشلىتىش نىسبىتى %47كە يېتىدۇ. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؟ نېمىشقا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر كۆچمە چىقىمنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ؟
بىرىنچىدىن، سىستېما ئوخشىمايدۇ. ئامېرىكىنى مىسالغا ئالساق، جۇڭگونىڭ ھەق تۆلەش ئۇسۇلى قەغەز پۇلدىن كۆچمە چىقىمغا ئۆتۈشتە، ئىناۋەتلىك كارتا پەقەت قوشۇمچە رول ئوينىغان. ئامېرىكا بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئامېرىكىدا بىر يۈرۈش مۇكەممەل ئىناۋەتلىك كارتا چىقىم قىلىش سىستېمىسى بار. كىرېدىت چىقىم تۈزۈمى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، كىرېدىت خاتىرىسىنى ئۇزاق مۇددەت توپلاشقا توغرا كېلىدۇ، كرېدىتنى توپلاشنىڭ بىر مۇھىم يولى كرېدىت كارتىسى ئىستېمالى. ئامېرىكا ئاھالىلەرنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلىتىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى شەخسىي ئىناۋەت بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەن. شۇڭا ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ نەزىرىدە كرېدىت كارتىسى ئارقىلىق پۇل تۆلەش ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.
ئىككىنچىدىن، تور بىلەن قاپلىنىش سەۋەبى. بىر قىسىم تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تور بىلەن قاپلىنىشى جۇڭگونىڭكىدەك ياخشى ئەمەس، ھەتتا بىر قەدەر ئارقىدا. جۇڭگولۇقلار ھازىر 5G ئىشلىتىۋاتقاندا، غەربلىكلەر تېخىچە 3G ياكى 4Gنى ئىشلەتمەكتە. تەرەققىي تاپقان كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى خۇسۇسىي كارخانىلار بولۇپ، ئاساسىي پونكىت قۇرۇش توغرا كەلسە، تەننەرخنى يىغىۋېلىشنى ئويلىشىش كېرەك، ئەگەر مەبلەغ سالغاندا تەننەرخنى قايتۇرۋالغىلى بولمىسا، بۇ يەردە خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى قۇرمايدۇ. ئادەتتە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى پەقەت بىر قىسىم مۇھىم، نوپۇسى زىچ بولغان چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردە قۇرۇلىدۇ، شەھەر ئەتراپىدىكى بەزى جايلاردا ئاساسىي پونكىت يوق.
دۆلىتىمىزدە بولسا ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى قۇرىدۇ، ئەزەلدىن تەننەرخنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلاشمايدۇ. شۇڭا ئېلىمىزنىڭ خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتلىرىنىڭ قاپلاش نىسبىتى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى. غەرب ئەللىرىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ناۋادا شەھەر ئەتراپىدىكى مىلىچمال دۇكىنىغا بېرىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىپ، كۆچمە پۇل تۆپۇل تاپشۇرۇشقا توغرا كەلگەندە تور سىگنالى يوق بولۇپ قالسا، بۇ ناھايىتى ئوڭايسىزلىق ئەمەسمۇ؟ شۇڭا، غەرب ئەللىرىدىكى كىشىلەر كرېدىت كارتىسى ئارقىلىق چىقىم قىلىشقا تېخىمۇ مايىل.
ئاخىرىدا، شەخسىي مەخپىيەتلىك مەسىلىسى. چەتئەلدە شەخسىي ئۇچۇر مەخپىيەتلىكىنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ھەممىمىزگە ئايانكى، كۆچمە چىقىم قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ھوقۇق بېرىلگەن يۇمشاق دېتال بىلەن بانكا كارتىسى باغلاش كېرەك، چەت ئەللىكلەر بۇ جەرياندا شەخسىي مەخپىيەتلىك مەسىلىسى كۆرۈلۈشى مۇمكىن دەپ قاراپ، ئىزچىل بانكا بىلەن ئالاقە تورى شىركىتىنىڭ توختام ئىمزالىشىنى قوللىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كودنى سكاننېرلاپ چىقىم قىلىش جەريانىدىمۇ يان تېلېفون يۇمشاق دېتالىنىڭ ئالاقىلىشىش خاتىرىسى، سۆزلىشىش خاتىرىسى ياكى تېلېكامېرا ئىشلىتىشى قاتارلىقلارغا قوشۇلۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئاسانلا شەخسىي مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. شۇڭا، ئۆزىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ئۇلار كۆچمە چىقىم قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ.
تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ھازىر ئۆزىنىڭ خاراكتېرى ياكى باشقا سەۋەبلەرنى ئاساس ئاساس قىلىپ، كۆچمە چىقىم قىلىشنى تاللىمىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر نەچچە يىلدىن كېيىن بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، 1952-يىلى ئامېرىكا تۇنجى قېتىم ئىناۋەتلىك كارتا تارقاتقان چاغدىمۇ نۇرغۇن قارشىلىقلارغا ئۇچرىغان، ئۇلار ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلىتىش تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇلنى بانكىرنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويغانغا ئوخشايدۇ دەپ قارىغان، لېكىن ئون يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىناۋەتلىك كارتا ئومۇملاشقان. شۇڭا، كەلگۈسىدە كۆچمە چىقىم قىلىشمۇ ئومۇملىشىشى مۇمكىن.