بۈگۈن يەرلىك پاراڭلاردىن بىر شىڭگىل ئورتاقلاشقىلى كەلدىم، قەشقەرلىكنىڭ يەرلىك تەنە ئارىلاشقان مەززىلىك، پۇراقلىق گەپلىرىنى ئاڭلاپ باققانمىتىڭىز. (غۇلجىلىقنىڭ گېپىنى ئاڭلىساڭ بىر سائەتكىچە كۈلىسەن، قەشقەرلىك گېپىنى ئاڭلىساڭ بىر سائەتتىن كېيىن ئۆلىسەن...،.ئەمما مۇشۇ مەكىتلىكنىڭ گېپىنى ئاڭلىساڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن، دەپتۇمىش تېۋىپلار، بۇ يەردە كۈلۈپ كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتكەن چىراي ئىپادىسى بار دەپ تۇرايلى)
ئەتىگەندە قاق سەھەردە بىرەيلەن «چەمبىرىكىمدىكى بىرىنچى مەزمۇنغا يۈرەك بېرىپ قويۇڭ» دەپ ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە توپ ئۇچۇرى يوللاپتىكەن، ئۇيقۇچىلىقتا ئاچچىقىمنى چىقىراي دەپلا ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ ئۇچۇر يازدىم. «بىرىنچى مەزمۇنغا يۈرىكىمنى، ئىككىنچى مەزمۇنغا بۆرىكىمنى بېرەي، باشقا مەزمۇنلارغا ئۆپكە، ئۈچەي قېرىنلاردىن بېرىپ قويايمۇ؟» دەپ ساپتىمەن، قارشى تەرەپمۇ قەشقەرلىككەنتۇق، ماڭا مۇنداق دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپتۇ، «ۋوججون، ئەمدى مەن قەشقەرلىك دەپ سېسىق گەپ قىلىۋالمىسڭىزمۇ بولىدۇ، مەنمۇ قەشقەرلىك، ئىككى مۈرەمنىڭ ئوتتۇرىدىكى نەرسە، باشقىلاردىن ئېگىزرەك كۆرۈنۈش ئۈچۈن كۆتۈرۈپ يۈرگەن نەرسە ئەمەس، سېسىق گەپنى مەنمۇ قىلالايمەن» دېمەسمۇ…ئەھ، ماۋۇ گەپ ئىچىمگە پاتماي ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇرۇپ مۇنداق دېدىم. «ۋاي ھە، ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ، بىزلەرنىڭ كاللىمۇ شەمەردەك ئىشلەيدۇ، چاچ ئۆستۈرىدىغان تەشتەك ئەمەس» دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇشىمغا، مەن بىلەن گەپتە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ كەسپى ئادەم تىللايدىغانلارنى ئىزدىسە يۇقىرىقىدەك ئەھۋال يۈز بېرىپتىمىش …
تۆۋەندە قەشقەر پاراڭلىرى ھۇزۇرۇڭلاردا
قەشقەر ئاشخانىسىدا
بىر كىشى كىرىپ لەڭمەن بىلەن كاۋاپ بۇيرۇپتۇ، لېكىن تامىقى بەك ئۇزۇندا چىقىپتۇ، لەڭمەنگە چوكا سالماي ئاچىقىپتىكەن، مۇلازىمنى چاقىرىپ دەپتۇ-دە:
- ئۇكووووم، خاپا بولماي ما لەڭمەنگە قاراپ قويسىلا، لىككىدە ئۆيگە بېرىپ چوكا ئەكېلىۋالاي.
مۇلازىم تولىمۇ خىجىل بولۇپ دەرھال چوكا ئەكېلىپ بېرىپتۇ.
- ئۇكام، مەن كاۋاپمۇ بۇيرىغانتىم،-دەپتۇ مېھمان.
- خاپوممىسىلا، يېزىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئەمدى يازاي.
- يازسىلا ئۇكام يازسىلا، ئىي كەينىگە بۈگۈن يەيدىكەن دەپ چېسلانى يېزىپ ئەسكەرتىپ قويالا…!
گۆش سېتىۋېلىش
بىر كۈنى بىر ئۈرۈمچىلىك دوستىمىز قەشقەرگە كېلىپ گۆش ئالماقچى بولۇپ، قاسساپنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ:
-قاسساپ ئۇستام، گۆشنىڭ كىلوسى نەچچە پۇل؟
-قاسساپ 60 كوي دىسە، بۇ ئۈرۈمچىلىك دوستىمىز بۇ قاسساپنى بىر گەپكە سالاي دەپ ئويلاپ، يانچۇقتا ئون يۈەنلا باتتى ،-دەپتۇ
قاسساپ:- ماڭا بى قايلىسىلا ئۈكەم، ئىۋۇ ئون كويلىرىنى ماڭا بېرىپ ما قوي سويغان پىچىقىمنى يالىۋالاملا؟،- دېگۈدەك
ئاياغ بازىرىدا
قەشقەرنىڭ بازىرىغا چىقىپ قالدىم، قارىسام بىر ئادەم ئاياغ سېتىۋېتىپتىكەن، قېشىغا بېرىپ:
ـ ئاكا، ئاياغنى قانداق ساتتىڭىز؟- دېسەم ئۇ ئادەم چىرايىمغا بىر قارىۋېتىپ:
ـ ئۇكوووووووم، ئاياغ دېگەننى بى سويۇپ ساتقىلى بولمايدىكەن، شۇڭا ئوڭىنى سولىغا جۈپلەپ ساتتۇق، نەچچىنى كىيىلا؟
-مەن 40 نى دېيىشىمگە !
ئۆزلىرى سەكسەن پۇت ئوخشىماملا . . . . . . . .دېمەسمۇ