زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئۇتتۇرۇپ ئالىي سوتقا ئەرز قىلىشنىڭ پايدىسى بارمۇ؟

ئەلكۈيى تورى
2020-11-08
來源:تېڭشۈن تورى

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ نامزاتى بايدېن ھازىرغىچە 264 بېلەتكە، تىرامپ 214 بېلەتكە ئېرىشتى، ئاخىرىدا كىم ئەڭ بۇرۇن 270 بېلەتكە ئېرىشسە شۇ سايلامدا غەلبە قىلغان بولىدۇ. نۆۋەتتە، تىرامپ كوللېكتىپى بەش ئىشتاتنىڭ سايلام بېلىتىگە قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
« بۈگۈنكى ئامېرىكا» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تىرامپ كوللېكتىپى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مىچىگان ئىشتاتى، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى ۋە جورجىيە ئىشتاتىدا دەۋا قىلىپ، سوت مەھكىمىسىدىن شۇ جايدىكى بېلەت ھېسابلاشنى توختىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەم نېۋادا ئىشتاتى ۋە ۋىسكونسىن ئىشتاتىنىڭ سايلام بېلىتى نەتىجىسىدىن گۇمانلىنىپ، بۇ ئىشتاتنىڭ سايلام بېلىتىنى قايتىدىن ھېسابلاشنى تەلەپ قىلغان.


نۆۋەتتە، مىچىگان ئىشتاتى ۋە جورجىيە ئىشتاتى دەۋانى رەت قىلدى.
بېلەت ھېسابلاشتا گۇمان قىلىش، ئەرز-شىكايەت قىلىش ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىشمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئامېرىكا تارىخىدا يېقىنقى بىر قېتىملىق چوڭ سايلامدا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ كەلگەن ۋەقە 2000-يىلى يۈز بەرگەن.
2000-يىلى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ نامزاتى كىچىك بۇش دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى گور بىلەن رىقابەتلەشكەندە، 25 سايلام بېلىتىگە ئىگە بولغان فلورىدا ئىشتاتى يېڭىش-يېڭىلىشنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ قالغان.


ئەينى يىلى فىلورىدا ئىشتاتى بېلەت ھېسابلاش خىزمىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە تاماملىغاندا، كىچىك بۇش 290135 ئاۋازغا، گور 2907351 ئاۋازغا ئېرىشكەن، كىچىك بۇش گوردىن 1784 ئارتۇق بېلەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ ئۈستۈنلۈك ئىنتايىن ئاجىز بولسىمۇ، لېكىن كىچىك بۇشنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىنى قولغا ئېلىپ ئاقسارايغا ئوڭۇشلۇق كىرىشىگە يېتەتتى.
گور ھەتتا قائىدە بويىچە كىچىك بۇشقا تېلېفون بېرىپ ئۇنىڭ غەلبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قېرىشقاندەك فلورىدا ئىشتاتىنىڭ سايلام قانۇنىدا، ئەگەر نامزاتلار ئېرىشكەن سايلام بېلىتى پەرقى %0.5 تىن كىچىك بولسا، ئۇنداقتا ئاپتوماتىك ھالدا قايتىدىن بېلەت ھېسابلاش مېخانىزمى قوزغىتىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 1784 بېلەت پەرقى بۇ نىسبەتتىن خېلىلا كىچىك بولغاچقا بەزىلەر جېدەل چىقارغان. فىلورىدا ئىشتاتى پالم ساھىلى ناھىيىسىدىكى بەزى سايلىغۇچىلار سايلام بېلىتىدىكى تۆشۈك ئېچىش نۇقتىسىنى خاتا تونۇپ قېلىپ، ئەسلىدە گورغا تاشلىماقچى بولغان بېلەتنى ئۆزلىرى پەقەتلا تونۇمايدىغان كىچىك بۇشقا خاتا تاشلاپ قويغانلىقىدىن ئاغرىنغان. شۇنىڭ بىلەن گور سايلامدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ۋاز كەچكەن، ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەر بۇ چاغدا كىچىك بۇشقا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ بولغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ناھايىتى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.
شۇ يەر ۋاقتى 2000-يىل 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، فىلورىدا ئىشتاتىدا قايتىدىن بېلەت تاشلاش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان، گور ئېرىشكەن ئاۋاز ئاۋالقى قېتىمدىكىدىن سەل ئېشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ پەرقى يەنىمۇ كىچىكلىگەن بولسىمۇ، بۇش يەنىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. ئىككى كۈندىن كېيىن، قايتىدىن بېلەت ھېساپلاش نەتىجىسىدە ئىلگىرىكى بىلەن خاتالىق پەرقى بولغاچقا، پالم ساھىلى ناھىيىسىنىڭ سايلام ئەمەلدارى يەنە بىر قېتىم ئادەم كۈچى ئارقىلىق بېلەت ھېساپلاشنى قارار قىلغان، بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىچىك بۇش كوللېكتىپى سوت مەھكىمىسىنىڭ چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشىنى، قايتىدىن بېلەت ھېسابلاشنى مەنئى قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، دەۋا بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئالغا قاراپ مېڭىپ ئالىي سوت مەھكىمىسىگىچە بارغان.
2000-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى فىلورىدا ئىشتاتى ئالىي سوت مەھكىمىسى كېسىم ماقۇللاپ، پالما ساھىلى ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىكى تالاش-تارتىش قىلىنغان سايلام بېلىتىگە قارىتا يەنە بىر قېتىم ئادەم كۈچى ئارقىلىق ھېساپلاش ئىلىپ بېرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. ئەتىسى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالىي سوت مەھكىمىسى تۆتكە قارشى بەش نەتىجە بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نامزاتى بۇشنىڭ جىددىي تەلىپىگە قوشۇلۇپ، قايتا بېلەت ھېسابلاشنى توختاتقان ۋە 12-چېسلا يەنە گورغا نىسبەتەن ئانچە پايدىلىق بولمىغان قارارنى ماقۇللىغان.
بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى بىر ئايدىن ئۇزاق ۋاقىتقا سوزۇلغان. ئامېرىكا ئاممىسىنىڭ سايلام ۋە سايلامغا ئەدلىيە ئارقىلىق ئارىلىشىش توغرىسىدىكى تالاش ـ تارتىشىمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن. دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تېخىمۇ كۆپ سادا پەيدا بولۇپ، گورنى دۆلەتنىڭ كرىزىسقا دۇچ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېڭىلگىنىگە تەن بېرىشكە مۇراجىئەت قىلغان.
شۇ يەر ۋاقتى 2000-يىلى-12 ئاينىڭ-13 كۈنى گور تېلېۋىزىيە باياناتى ئېلان قىلىپ، سايلامدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.