تىرامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلىپ قالدى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-08
來源:تېڭشۈن تورى

ئامېرىكا «پارلامېنت تېغى گېزىتى» نىڭ 7-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىرقى زۇڭتۇڭ تىرامپ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى يازمىلىرى قاتتىق تەكشۈرۈشىگە دۇچ كېلىپ، بۇ سۇپىنىڭ دۇنيا رەھبەرلىرىنى قوغدىشىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

«پارلامېنت تاغ گېزىتى» دە دېيىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورى شىركىتىنىڭ زۇڭتۇڭ ۋە زۇڭلىنىڭ قائىدە نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا بولغان مۇئامىلىسى ئادەتتىكى ئابۇنىچىلارغا ئوخشىمايدۇ، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ قارىشىچە، ئاممىنىڭ ئۆز رەھبىرىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلىش ھوقۇقى بار بولۇپ، بۇ يازمىلارنىڭ ئۆزىلا ئاخبارات قىممىتىگە ئىگە ئىكەن. لېكىن بۇ خىل سىياسىي قوغداش رەھبەرلەر ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن داۋاملاشمايدۇ، تىرامپنىڭ «ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى» چەكلىمىگە ئۇچراش مۇمكىنچىلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆتكەن تۆت يىلدا بۇ خىل چەكلەشتىن ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئىزچىل تىرامپنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى ھەر قانداق يازمىسىنى ئۆچۈرۈشنى خالىماي، بەلكى ئابۇنىچىلار تالاش-تارتىش خاراكتېرىدىكى يازمىنى كۆرگەندە يازمىنىڭ ئاستىغا «ئازدۇرۇش خاراكتېرلىك ياكى ساختا ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن» دەپ كۆرسىتىپ بېرىشنى تاللىغان ھەم ئابۇنىچىلارنىڭ تارقىتىشى ۋە يۈرەك بېرىشى (点赞) نى چەكلىگەن.

بۇنىڭغا قارىتا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ بىر باياناتچىسى تىرامپنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى نومۇرىنىڭ ئادەتتىكى ئابۇنتلارنىڭ نومۇرىغا ئوخشاش پەرقسىز مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر تىرامپنىڭ يازمىسى بۇ سۇپىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، ئۆچۈرۈلۈشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەگەر ئۇ بەلگىلىمىگە كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلسا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ ئېغىر «جازاسى» گە ئۇچرايدۇ.