ئالدىنقى يىلى بەزىلەر ھازىرقى زاماندىكى كېرەكسىز ئادەملەرنىڭ بەش چوڭ ئىپادىسىنى يەكۈنلىدى: 1-كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى چەكتىن ئېشىپ كېتىش. 2-ئۇزاق مۇددەت كېچىسى تۈنەش، لېكىن تۈنەش ئۆگۈنۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئويۇن ئۈچۈن بولۇش. 3-دائىم سىرتتىن تاماق بۇيرۇتۇپ يېيىش. 4-مۇتلەق كۆپ ساندىكى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ راھەت چەمبىرىكىگە بېكىنىۋېلىش. 5-كىرىزىس تۇيغۇسى ۋە ئۆزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئويى بولسىمۇ ئەزەلدىن ھەرىكەت قىلماسلىق. بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس رايونىدا مۇنداق سۆزلەر قالدۇرۇلغان ئىدى :
-بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە ئىپادە مەندە بار ئىكەن ، بۇنى يازغۇچىنى مىنىڭ تۇرمۇشۇمنى ئوغرىلىقچە كۆزەتتىمىكىن دەپ گۇمان قىلىۋاتىمەن .
-ھەر كۈنى ناھايىتى تەشۋىشلىنىمەن، لېكىن يەنە تىرىشىشنى خالىمايمەن.
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: « ئىككىلىنىش، داۋاملىق ھۇرۇنلۇق قىلىش ، ئالغا ئىلگىرىلىمەسلىك» بۇ خىل زىددىيەتنىڭ ئايلىنىشى ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ بىر چوڭ كېسەللىك ئالامىتى. ئەگەر سىز تۇرمۇشنى بەك تەس ھېس قىلسىڭىز، ئەگەر داۋاملىق تىرىشىشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
مەن دوستلار چەمبىرىكىنىڭ بىر سىرلىق جاي ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. كۈندۈزى بۇ يەر ئاق ياقىلىقلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن تولغان بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ ياسانغان ئۆزىنى ۋە مەززىلىك تائاملارنى رەسىمگە تارتىش بىلەن ئاۋارە؛ پەقەت كەچ بولغاندىلا، ئۇ سۆلەتۋازلىقلارنىڭ ھەممىسى تۈگەپ، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى نامايەن بولىدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە بىر قېتىم ئۆزۈم يالغۇز كاماندىروپكىغا چىقىپ قالدىم، ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن سائەت ئالتىنىڭ ئايروپىلانىغا ئۈلگۈرۈشۈم كېرەك ئىدى. شۇ كېچىسى خىزمەت بېسىمى ۋە ئايروپىلانغا ئۈلگۈرەلمەسلىكىمدىن ئەنسىرىگەن بولسام كېرەك، كېچىچە كىرپىك قاقمىغان ئىدىم، شۇ سەۋەبتىن قاق سەھەردىكى دوستلار چەمبىرىكىمنىڭ ئەڭ ھەقىقىي مەنزىرىسىگە شاھىت بولۇپ قالدىم: سەھەر سائەت بىر يېرىمدا، شياۋلى ھاراق بوتۇلكىسى دۆۋىلىنىپ كەتكەن بىر پارچە سۈرەتنى چەمبىرەككە چىقاردى ، قوشۇمچە ماقالىدە مۇنداق يېزىلغان ئىدى: «بۇ ئايدا بەشىنچى قېتىم تاڭ سەھەرگىچە ھاراق ئىچىشىم، راستتىنلا قۇسقۇم كېلىۋاتىدۇ، بۇ كۈنلەر قاچانمۇ ئاخىرلىشار؟». سەھەر سائەت ئۈچتە، شياۋشى دوستلار چەمبىرىكىگە: «قايتا -قايتا سەككىز قېتىم سۇنۇش ئارقىلىق، ئارگىنالىم ئاخىر سىناقتىن ئۆتۈپ تاللاندى، بولدى، ئەمدى ھېچنېمىنى ئويلىماي ئۇخلايمەن!» دەپ يازدى. سەھەر سائەت تۆت يېرىمدا، داجۈن دوستلار چەمبىرىكىگە: «بۇ ئىككى ئايدىن بۇيان، ھەركۈنى سەھەر سائەت تۆتتىكى بېيجىڭنى كۆردۈم، مەن مەسئۇل بولغان تۈر يەنە ئۈچ كۈندىن كېيىن رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، يولداشلار غەيرەت قىلايلى!» دەپ يوللىدى، بۇلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئىپادىلەپ بەرگۈسىز بىر خىل تۇيغۇغا كېلىپ قالدى، پەقەت ئۈن ـ تىنسىز ھالدا ئۇلارغا قۇچاقلىغان چىراي ئىپادىسىنى ئەۋەتىپ قويدۇم.
بۇ چاغدا ئۆزۈم يۈزلىنىۋاتقان بۇ ئۇزۇن كېچە ۋە پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان مۇرەككەپ خىزمەتلەر، ماڭا نىسبەتەن ئۇنچە قىيىن تۇيۇلمىدى. قارىغاندا قىيىنچىلىقلارغا يولۇقىۋاتقان پەقەت مەنلا ئەمەسكەنمەن، بۇ ھايات يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان يالغۇز مەنلا ئەمەسكەنمەن. ئىككىنچى كۈنى مەن بۇ دوستلار چەمبىرىكىدىكى مەزمۇنلارنىڭ خۇددى كېلىشىۋالغاندەكلا يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم، بۇ ئارقىلىق مۇنۇ سۆز ئۆز دەلىلىنى تاپقاندەك قىلاتتى: «يېرىم كېچە پەقەت ناز قىلىپ، ئەركىلەش ئۈچۈن، تاڭ ئاتقاندا يەنە جاننى تىكىپ ئىشلەش كېرەك».
بىزنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلىك ھاياتىمىز ناھايىتى ئاددىي، ئالىي بولغان ئائىلە ئەھۋالىمىز، گۈزەل تاشقى قىياپىتىمىز يوق، ئېرىشمەكچى بولغان بارلىق نەرسىلىرىمىزنى، ماشىنا، ئۆي ۋە غايىمىزدىكى تۇرمۇشىمىز پەقەت ئۆز قولىمىز ئارقىلىق تىرىشىشتىن قولغا كېلىدۇ. قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ دۇنياسىدا«ئوڭاي» دېگەن سۆز يوق، ئازادە تۇرمۇش ھېچيەردە يوق، ۋە شۇنداقلا ھېچيەردە ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىمايدىغان خىزمەتمۇ يوق. ئەگەر سىز تىرىششتىن بوشىشىپ قالسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بىلەن ئوخشاش ياشتىكىلەرنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە قاراپ بېقىڭ: سىز چارچىغان بولسىڭىز، بەزىلەر سىزدىن بەكرەك چارچاۋاتىدۇ؛ تۇرمۇشنى تولىمۇ قىيىن دەپ ھېس قىلسىڭىز، بەزىلەر سىزدىنمۇ بەكرەك قىيىن ئەھۋالدا بولۇشى مۇمكىن. ھەممە ئادەم تىرىشىۋاتىدۇ، ھەممە ئادەم ھېچنېمە بىلەن ھېسابلاشماستىن ئالغا ئىنتىلىۋاتىدۇ، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، جاپا تارتىۋاتقان ئۇۋالچىلىققا ئۇچراۋاتقان پەقەت سىزلا ئەمەس.
بىزنىڭ ئىدارىدە شياۋچيۇ ئىسىملىك بىر خىزمەتدىشىمىز بولۇپ، ھامىلىدار بولۇپ يەتتە ئايدىن بۇيان ھەر كۈنى يەنىلا ئىشلەۋاتاتتى، مەيلى نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر يىغىن ئېچىش، كاماندىروپكىغا چىقىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلاتتى. بىر قېتىم چۈشتە تاماق ۋاقتىدا، بىز قىزىقچىلىق قىلىپ: «شياۋچيۇ، ئېرىڭ خېلى كۆپ پۇل تېپىۋاتىدىغۇ، شۇنداق بولغان ئىكەن، سەن ھەر كۈنى مۇشۇنداق جان تىكىپ نېمە قىلىسەن؟» دېيىشتۇق. شياۋچيۇ بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ، يانفونىنى بىزگە سۇندى. ئېكراندا شياۋچيۇنىڭ يولدىشىنىڭ ئالدىنقى كۈنى يوللىغان دوستلار چەمبىرىكى بار بولۇپ، ئاستىدىكى ئورۇن بەلگىسى لاسانى كۆرسىتىپ تۇراتتى، يەنە مۇنداق خەتلەرمۇ تۇراتتى: «بۇ يەرگە كەلگەندىن باشلاپ بېشىم ئاغرىپ ، يۈرىكىم سىقىلىپ، كۆزۈمگە پەقەت ئۇيقۇ كەلمىدى، بىراق ھېچقىسى يوق ئوغلۇم، يەنە ئىككى ئايغا قالمايلا سەن بۇ دۇنياغا كۆز ئاچىسەن، دادا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ساڭا ئەڭ ياخشى كەلگۈسىنى ئاتا قىلىشىم كېرەك». شياۋچيۇ ئەستايىدىللىق بىلەن: «ئېرىم ئائىلىمىز، بالىمىز ئۈچۈن مۇشۇنداق جان تىكىپ ئىشلەۋاتىدۇ، شۇڭا مەن تېخىمۇ تىرىشىشىم كېرەك، ئۇنىڭغا پۇتلىكاشاڭ بولسام ھەرگىز بولمايدۇ» دېدى.
مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئىختىيارسىز ئويغا پېتىپ قالدىم. شۇنداق، توي قىلغاندىن كىيىنكى تۇرمۇش ئەسلىدىنلا ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق گىرەلىشىشىدىن، ئۆز-ئارا ماسلىشىشىدىن توقۇلىدىغان مۇستەھكەم تور. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بىر تەرەپ ھۇرۇنلۇق، بوشاڭلىق قىلىپ بوشىشىپ كەتسە، بۇ توردا يوچۇق پەيدا بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ياخشى بىر ھەمراھ تاپسام، ياستۇقنى قىرلاپ بەخىرامان ياتسام بولىدۇ دەپ قارىماسلىق كېرەك. ھەر قانداق بىر پۇختا مۇناسىۋەت، پەقەت بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە قاراپ تۇرۇشىدىن قولغا كەلمەيدۇ، بەلكى تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا يار-يۆلەك بولۇپ، بىر-بىرىنى يېتەكلەپ، ئورتاق بىر يۆنىلىشكە قاراپ تىرىشىپ ئىلگىرلىگەندىلا ئىشلا تېخىمۇ ياخشى، مۇقىم بولىدۇ. پەقەت ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تاۋلىغاندىلا، ئاندىن بەختلىك تۇرمۇش ۋە ياخشى لايىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا خىزمىتىم بەك ئالدىراش ئىدى، دائىم كەچ سائەت 11 گىچە ئىشلەپ ئاندىن شىركەتتىن ئۆيگە قايتاتتىم. كۆڭلۈمدە ھەممىدىن نارازى بولۇپ يۈرگىنىمدە، تۇيۇقسىز دادام ماڭا ئەۋەتكەن 520 يۈەن قىزىل بولاقنى تاپشۇرۇۋالدىم، ئۈستىدە يەنە مۇنداق خەت يېزىق تۇراتتى: «قىزىمنىڭ جاپا چەكمەي، مەڭگۈ خۇشال ئۆتۈشىنى تىلەيمەن!»، شۇ پەيتتە، بۇرۇنۇم ئېچىشىپ، كۆز ياشلىرىم ئېقىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى. يېقىندىن بۇيان دادامنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ باقمىغىنىمغا ئۇزاق بولۇپ كەتكەچكە، دادامنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى ئاچتىم، قارىسام ئىچىدە مەن يېقىندا يازغان ماقالە، ئىشلىگەن پىروگرامما ۋە فىلىملەر رەتلىك كۆچۈرۈلۈپ تۇرۇپتۇ. ئاتام ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ھەر كۈنى مېنىڭدىن تۇرمۇشۇمدىن غەم يەپلا يۈرەتتى. شۇنداق ئىكەن مېنىڭ ھاردىم دېيىشكە نېمە سالاھىيىتىم بار؟ مېنىڭ تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلىمەسلىككە باھانەم بارمۇ؟
كىچىك ۋاقتىمىزدا، ئۇلار بىزنى جاپا تارتىپ چوڭ قىلغان، بىز ئۈچۈن بوران-چاپقۇندىن پاناھ بولغان، چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار يەنە بىزنىڭ سىرتتا يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكتىن قىسىلىپ قالغاندىمۇ دەپ ئەنسىرەپ، يەنە توختىماستىن غەم يەپ يۈرمەكتە. ئەمەلىيەتتە ئەڭ قورقۇنچلۇقى ئاتا-ئانىمىز بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ، بىزگە ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولغاندا،بىزنىڭ قولىمىزدىن كۆز يېشىدىن باشقا ھېچنېمىنىڭ كەلمەسلىكى. «ۋاپاسىزلىق» ناملىق ئەسەردە مۇنداق بىر ئابزاس سۆز يېزىلغان: «مەن سەمىمىي، سادىق ھەر بىر بالىنىڭ ئاتا ـ ئانىسىغا چىن قەلبىدىن ۋاپادار بولۇشنى ئىستىگەنلىكىگە ئىشىنىمەن، ئىشلارنىڭ كۈندىن ـ كۈنگە ياخشىلىنپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنەيلى، سۇ كەلگەندە شارائىتنىڭ پىشىپ يېتىلىدىغانلىقىغا، ئۆزىمىزنىڭ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، نام ـ ئاتاققا ئېرىشىپ، يۇرتىمىزغا قايتىپ، خاتىرجەم ھالدا ۋاپادارلىق كۆرسىتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنەيلى، لېكىن بىز يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋاقىتنىڭ رەھىمسىزلىكىنى، ھاياتنىڭ قىسقىلىقىنى، بۇ دۇنيادا مەڭگۈ جاۋاب قايتۇرغىلى بولمايدىغان مېھىر ـ شەپقەتنى، ھاياتلىقنىڭ بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدىغان ئاجىزلىقىنى ئۇنتۇپ قالدۇق».
قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ بۇ دۇنيادا ئەڭ قورقىدىغىنى بىر ساقلاش خېتى. سىز پەقەت ھەسسىلەپ تىرىشسىڭىز، ئاندىن ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قېرىش سۈرئىتىگە يېتەلەيسىز. مېنىڭچە بۇ بىر جۈملە سۆز ناھايىتى ياخشى ئېيتىلغان: «يولىڭىزنى ئۆزىڭىز بىر قەدەم ـ بىر قەدەمدىن مېڭىشىڭىز كېرەك، جاپانىمۇ چوقۇم ئۆزىڭىز ئاز-ئازدىن يېيىشىڭىز كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئامال يوق». ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئاسانلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىغا، سىزدىن ياخشى ئۆتۈۋاتقانلىقىغا ھەۋەس قىلغاندىن كۆرە، باشقىلار سىزدىن زادى قانچىلىك كۆپ بەدەل تۆلىگەنلىكىگە قاراڭ، ئاندىن سىزچۇ؟ سىزدىكى مەسىلە قەيەردە؟ ھە دېسىلا ۋاز كەچمەڭ، بەزى ئىشلار ئۈمىدنى كۆرۈش بىلەن داۋاملاشمايدۇ، بەلكى بەرداشلىق بەرگەندە ئاندىن ئۈمىدنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەن «ئەڭ ياخشى بىز»دىكى مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى بەك ياقتۇرىمەن: «بارلىق تىرىشىشنىڭ نەتىجىسى بولۇۋەرمەيدۇ، لېكىن ھامان بىر قىسىم تىرىشىش بولۇپ، بىر سۇڭ مۇز بىلەن قاپلانغان يەردىن پورەكلەپ ئېچىلغان يۈز مىڭ تال ئەتىرگۈلنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ».