ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بايدېن 270 تىن ئارتۇق سايلام بېلىتىگە ئېرىشكەن. سايلام قائىدىسىگە ئاساسەن، ئالدى بىلەن 270 سايلام بېلىتىگە ئېرىشكەن زۇڭتۇڭ نامزاتى غەلىبە قىلىدۇ.
بايدېن كىم؟
بايدېن 1942-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1965-يىلى دېلاۋار داشۆسى (University of Delaware)نى پۈتكۈزگەن، 1968-يىلى سىراكۇس داشۆسى (Syracuse University)نىڭ قانۇن شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن. ئۇ ئىلگىرى بىر مەزگىل ئادۋوكات بولغان، كېيىن سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغان.
1972-يىلى بايدېن فېدېراتسىيە كېڭەش پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان، ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ياش فېدېراتسىيە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى.
1973-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، بايدېن فېدېراتسىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىنى 36 يىل ئۈستىگە ئالغان، پارلامېنت كېڭەش پالاتاسى ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
بايدېن 1988-يىلى ۋە 2008-يىلى ئىككى قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان بولسىمۇ، لىكىن پارتىيە ئىچىدە نامزاتلىققا كۆرسىتىلمىگەن. 2008-يىلى دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتلار سايلىمىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئەينى يىلى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ئوبامانىڭ سايلام رىقابىتىدىكى ھەمراھىغا ئايلانغان ھەم ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان. 2012-يىلى 11-ئايدا ئوباما بىلەن بايدېن ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشنى قولغا كەلتۈرگەن.
2019 ـ يىلى 4 ـ ئايدا بايدېن 3 ـ قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 2020 ـ يىلى 6 ـ ئايدا ئۇ دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىدىغان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللەر ئاۋاز سانىغا ئېرىشىپ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا رەسمىي بېكىتىلگەن.
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بايدېن 270 تىن ئارتۇق سايلام بېلىتىگە ئېرىشىپ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى.