تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەردە، ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى بايدېننىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كانادا زۇڭلىسى تېرودو ئالدى بىلەن تەبرىكلىدى، ئارقىدىن باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى. تۆۋەندە ۋاقىت تەرتىپى بويىچە رەتلەپ چىقتۇق:
تېرۇدو بايدېن ۋە خارىسنى تەبرىكلىدى، ئۇ تەبرىك ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازدى: «بايدېن بىلەن كامارا خارىسنى تەبرىكلەيمەن. بىز ئىككى دۆلەت يېقىن دوست، ھەمراھ ۋە ئىتتىپاقداش. بىزنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان مۇناسىۋىتىمىز بار. سىلەر بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى ھەم بۇ جەھەتتە ئىلگىرىلەشنى ئۈمىد قىلىمەن».
گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى خايكو ماس تەبرىك ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازدى: «بىز كېلەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى ھەمدە ھەمكارلىشىدىغان ساھەلەردە ئورتاق مەبلەغ سېلىپ، ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، يېڭى كېلىشىم ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز».
ئىرېلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى مىچېل مارتىن (Martin) بايدېننى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بايدېن ئىرېلاندىيەنىڭ ھەقىقىي دوستى، مەن كەلگۈسىدە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەنمۇ شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئۆيگە قايتىشىنى قارشى ئالىمەن!» دېدى.(بايدېن ئىرېلاندىيە پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق)
زىمبابۋې زۇڭتۇڭى منانگاگۋا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «زىمبابۋېدىكى بارلىق كىشىلەرگە ۋاكالىتەن بايدېننىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. زىمبابۋې سىزنىڭ ئامېرىكا خەلقىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلىك قىلىشىڭىزنى تىلەيدۇ، مەن سىز بىلەن بىللە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون بايدېن بىلەن خارىسنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى: «بايدېننىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، كامارا خارىسنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. ئامېرىكا بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشىمىز، بىزنىڭ ئورتاق ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىشلاردا زىچ ھەمكارلىشىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىدىن سودا ۋە خەۋپسىزلىككە ئۆتۈشىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز».
گرېتسىيە زۇڭلىسى كىرىياكوس مىزوتاگىس بايدېننى تەبرىكلىدى. مېزوتاكس ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازدى: «ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان بايدېنغا مۇبارەك بولسۇن. بايدېن گرېتسىيەنىڭ ھەقىقىي دوستى، مەن ئۇنىڭ زۇڭتۇڭلۇق مۇددىتى ئىچىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.
ئاۋىسترىيە زۇڭلىسى كۇرز «ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى» بايدېننى تەبرىكلىدى ھەمدە كەلگۈسىدە ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بايدېننىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىز ئورتاق قوغدايدىغان قىممەت قارىشى سىستېمىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. بىز ئامېرىكا بىلەن كەلگۈسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز».
فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بايدېننىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا خەلقى ئۆزلىرىنىڭ زۇڭتۇڭىنى سايلاپ چىقتى، بايدېن ۋە خارىسنى تەبرىكلەيمەن. ھازىرقى خىرىسنى يېڭىش ئۈچۈن، بىزنىڭ يەنە قىلىدىغان نۇرغۇن خىزمىتىمىز بار، بىز بىرلىكتە تىرىشايلى!». تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ماكرون ئېنگىلىزچە ۋە فىرانسۇزچە قوش تىلىدا بۇ تېكسىتنى ئېلان قىلدى.
ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېز (Pedro S) قوش تىلدا بايدېننىڭ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: « ئامېرىكىلىقلار 46-قېتىملىق زۇڭتۇڭنى سايلاپ چىقتى، بايدېن بىلەن خارىسنى تەبرىكلەيمىز! بىز سىز بىلەن ھەمكارلىشىپ دۇچ كەلگەن خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز».
گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېلنىڭ باياناتچىسى ستېفىن سېبېر مېركىلنىڭ بايدېننىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىگەن باياناتىنى ئېلان قىلدى، مېركېل باياناتىدا مۇنداق دېدى: «مۇبارەك بولسۇن! ئامېرىكا خەلقى ئۆزلىرىنىڭ قارارىنى چىقاردى. بايدېن ئامېرىكىنىڭ 46-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولدى. مەن ئۇنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن».
مېركېل مۇنداق دېدى: «مەن زۇڭتۇڭ بايدون بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەگەر بىز ھازىرقى دەۋردىكى زور خىرىسقا تاقابىل تۇرماقچى بولساق، ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان دوستلۇق كەم بولسا بولمايدۇ».
ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بايدېننىڭ سايلامدا غەلبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مودى ماقالىسىدە مۇنداق دېدى: «سىزنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە، سىز ھىندىستان ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم تۆھپە قوشتىڭىز. مەن بىزنىڭ يەنە بىر قېتىم زىچ ھەمكارلىشىپ، ھىندىستان ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن».