بەيدۇ بۇلۇت يانفونى ئېلان قىلدى، ئايلىق ئىجارىسى 77 يۈەن

爱酷艺
2020-11-08
來源:baidu

بۇ يىل 3-ئايدا، خۇاۋېي تۇنجى قېتىم « كۈنپېڭ» (鲲鹏) يانفونىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. خۇاۋېيدىن كېيىن، يېقىندا بەيدۇمۇ «بەيدۇ بۇلۇت يانفون بايراقدار نۇسخىسى»(百度云手机旗舰版) نى ئېلان قىلدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ بەيدۇ كارخانا ئابونتلىرىغا قارىتا تۇنجى بۇلۇت يانفون مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندىن كېيىن، شەخسىي ئابۇنتلارغا قارىتا چىقارغان تۇنجى بۇلۇت يانفون بايراقدار يېڭى مەھسۇلاتى بولۇپ، بۇ بەيدۇنىڭ شەخسىي بۇلۇت كەسپىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ سىگنالى دەپ قارىلىدۇ.

بەيدۇ بۇلۇت يانفونىنىڭ بايراقدار نۇسخىسىدا روت ھوقۇقى ئېچىۋېتىلىدۇ.

نۇرغۇن ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن بۇلۇت يانفونى ئاساسلىقى چوڭ تىپتىكى ئەپلەرنى ئىجرا قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، بولۇپمۇ چوڭ تىپتىكى ئويۇنلارنى ئوينايدۇ، ئۇنداقتا بەيدۇ بۇلۇت يانفونىنىڭ بايراقدار نۇسخىسىنىڭ ئىقتىدارى قانداق؟ بەيدۇ ئورگان تورىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بەيدۇ بۇلۇت يانفونىنىڭ بايراقدار نۇسخىسى بۇلۇت ئويۇنى، بۇلۇت ئەپ دېتالى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەرنى قوللايدىكەن، تۆۋەن كېچىكىش، يۇقىرى يوللاش، بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئابۇنىچىلارنى ئۆزىدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر يانفونغا يەنە روت ھوقۇقى بېرىلگەن بولۇپ ئابۇنتلار بۇلۇت يانفونىدا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدار مەشغۇلاتىنى تاماملىيالايدىكەن.

باھا جەھەتتە، بەيدۇ بۇلۇت يانفونىنىڭ بايراقدار نۇسخىسى كۈندىلىك ، ئايلىق ، پەسىللىك ، يىللىق قاتارلىق كۆپ خىل يۈرۈشلۈك ئىجارە مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، كۈندىلىك ئىجارىسى تۆت يۈەن، بىر ئايلىق ئىجارىسى 77 يۈەن، 90 كۈنلۈك ئىجارىسى 196 يۈەن،بىر يىللىق ئىجارىسى 496 يۈەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يانفوننىڭ يەنە ئوتتۇرا سەپلىمىلىك ئادەتتىكى تىپى ۋە دەسلەپكى ئاساس تىپى بار بولۇپ، ئابۇنىچىلارنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىراق، ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىر بۇنداق باھا سەل قىممەت ھېسابلىندۇ. سىزنىڭچىچۇ؟