قايسى ئىشلارنى قىلىش زېرىكىشلىك، لېكىن ئۇزۇن داۋاملاشتۇرسا ئەھمىيىتى چوڭ؟

ئەلكۈيى تورى
2020-11-08
來源:بەيدۇ تورى

مەن شۇنى بايقىدىمكى، ھەر كۈنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن توختىماي ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرەكلىرىنى كۆرىدىغان، توخۇ يېيىش ئويۇنى (吃鸡) ئوينايدىغان كىشىلەرنىڭ بىر ئىشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېتەلىشى ناھايىتى تەس ئىكەن، چۈنكى ئۇلار زېرىكىشتىن قورقىدىكەن. كۈلكىلىك يېرى، زېرىكىش ئۇلارنىڭ ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشتىن ۋاز كېچىشىنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالغان، شۇنداقلا ئۆزى بىلگەننى قىلشتەك يامان ئادەتلەرنىڭ باھانىسى بولغان. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىر پارچە كىتاب ئوقۇغاندىن، بىر كۈن دېگۈدەك دوۋيىن كۆرگەن ياخشىراق. يېرىم سائەت بەدەن چېنىقتۇرۇش قىسىملىق كىنو-تىياتىر كۆرگەنگە يەتمەيدۇ؛ ئەتىگەن سائەت ئالتىدە ئورۇندىن تۇرۇش چۈش سائەت 12:00 دە تۇرۇپ ئاپتاپقا قاقلانغانغا يەتمەيدۇ. مەن كاڭ يۇڭ ئاكىنىڭ «تۆۋەن دەرىجىلىك زېرىكىش بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەكرارلىنىشنىڭ چوڭ پەرقى بار» دېگەن گېپىنى بەك ياخشى كۆرىمەن. تەكرارلانغان ئىش راستىنلا بەك زېرىكىشلىكمۇ؟

قۇياش ھەر كۈنى بىر قېتىم چىقىپ، بىر قېتىم پاتىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن قايتا-قايتا تەكرارلىنىدىغان ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، لېكىن كۈن چىقىش ۋە كەچكى شەپەقتىن كىشىلەر ئىلھام ئالىدۇ، تەسىرلىنىدۇ. ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش ئاخىرىدا كىشىنى چەكسىز پۇشايمانغا باشلايدۇ. يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەكرارلىق بىزنى خۇددى كۈن چىققاندەك قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈپ، ئۆز نىشانىمىزغا يېتىشقا يېتەكلىيەلەيدۇ.

تۆۋەندە تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى بولغان بەش بىلىم نۇقتىسى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەكرارلىنىشقا تەۋە بولۇپ، قانچە ئۇزاق داۋاملاشتۇرسا ئەھمىيىتى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، دوستلارنىڭ سىناپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەر ئۆزىڭىزنى تىزگىنلىيەلەيدىغان قالتىس ئادەم بولىمەن دېسىڭىز، ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتا ئىزچىل بولۇڭ!

1. ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەش مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئەتىدىكى قىلماقچى بولغان ئىشلارنىڭ تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىڭ.

سىز ئىلگىرى شۇنداق قىلىپ باققانمۇ؟ ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئۆزىڭىزگە مۇنداق دەيسىز: «ئەتە مەن چوقۇم ياخشى خىزمەت قىلىمەن! چوقۇم XXئىشنى تاماملىشىم كېرەك». نەتىجىدە ئىككىنچى كۈنى بىر كۈن ئالدىراش يۈرسىڭىزمۇ يەنىلا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بولالمايسىز، ھەتتا ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولغانلىقىڭىزنىمۇ ئېسىڭىزگە ئالالماي قالىسىز. ئەڭ چاتاق يېرى شۇكى، ئىشلار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، سىز بارغانسېرى كەينىگە سۆرەيسىز، شۇنىڭ بىلەن يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشقا پېتىپ قېلىپ، ئۆزىڭىزنى تاپالماي قالىسىز.

بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى بولسا تەدبىر بەلگىلەشتە چارچاش.

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بىر ئادەمنىڭ قارارى، پىلانى قانچە كۆپ بولسا ئىرادە ۋە ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئادەم چوڭ بولغانسېرى ئىشلارنى شۇنچە كەينىگە سۆرەيدۇ؟ چۈنكى قانچە چوڭ بولغانسېرى، بىزنىڭ پىلانلىرىمىز شۇنچە كۆپ بولىدۇ، چوڭ مېڭىمىزمۇ شۇنچە ئاسان ھۇرۇنلۇق قىلىشنى ئويلايدۇ.

«قايسى ۋاقىتتا ئورنىڭىزدىن تۇرىسىز؟ بۈگۈن نېمە يەيسىز؟ قايسى كىيىمنى كىيىسىز؟ بۈگۈن قىلىدىغان نېمە ئىش بار؟» دېگەندەك بىر قاتار ئىشلار بىزنى كۆزىمىزنى ئاچقاندىن باشلاپ توختىماي تەدبىر بەلگىلەشكە مەجبۇر قىلىدۇ. شۇڭا، ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەش مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئەتىسى قىلماقچى بولغان ئىشلار تىزىملىكىنى تۈزۈشكە ئوخشاش ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرگەندە، چوڭ مېڭىنىڭ ھۇرۇنلۇق قىلىش قېتىم سانىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئازايغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.

بۇ ئادەت ئارقىلىق تەدبىر بەلگىلەشتىكى كۆپ خىل ۋەزىپە بىرلا خىل ۋەزىپىگە، يەنى تەكشۈرۈش تىزىملىكىگە ئايلاندۇرۇلسا، چوڭ مېڭە تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى شۇنىڭغا قارىتالايدۇ. ھەر كۈنى بەش مىنۇت ئاجرىتىپ پىلان تۈزۈش، قارىماققا ناھايىتى زېرىكىشلىك بىلىنىدۇ، لېكىن بىز بۇ ئارقىلىق مېڭىمىزنى ئۈنۈملۈك چوڭ مېڭىگە ئايلاندۇرالايمىز.

كونكرېت ئۇسۇلى:

1.ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن، بەش مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئىككىنچى كۈنلۈك ئاساسلىق تاماملايدىغان ئىشنى تىزىپ چىقىڭ.

2. جەزملەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئامال بار قايتا قوشماڭ.

3. ئىككىنچى كۈنى تىزىملىككە ئاساسەن، ۋەزىپىنى تاماملاڭ.

4. پىلانلىغان ئىشلارنى تۈگەتكەندە، ئارقىسىغا توغرا بەلگىسى قويۇپ مېڭىڭ.

5.مۋەزىپە تولۇق ئورۇندالغان كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئوخشاشلا، شۇ كۈنلۈك تىزىملىكنى تاماملاش ئەھۋالىغا ئاساسەن، يەنە بىر كۈنلۈك تىزىملىكنى تۈزۈپ چىقىڭ.

«مەنىسىز ئىش» قىلماسلىققا نىسبەتەن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغاندا، ئىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا بولغان ياردىمىمۇ ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.

2. ﮬﯧﺴﺎبلاپ، ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪپ مېڭىش

ھاياتلىقتىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىككى مەسىلە- ۋاقىت نەگە كەتتى؟ يانچۇقدىكى پۇل نەگە كەتتى؟

ئالدىنقىسى بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمىزدا «تەشۋىشلىنىش تۇيغۇسى» پەيدا قىلىدۇ، كېيىنكىسى بىزدىكى «بىخەتەرلىك تۇيغۇسى»نى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى بولسا ئۇلارنى خاتىرىلەپ، ھەر ۋاقىت ئۇلارنى ئېنىقلاپ تۇرۇشتىن ئىبارەت. ئاڭلىماققا بۇ ناھايىتى ئاددىيدەك قىلىدۇ، لېكىن شۇنچە ئاددىي بولغانچە، بىز شۇنچە سەل قارايمىز. تۆۋەندە ئوقۇرمەنلەردىن بىر قانچە سوئال سوراپ باقاي:

1. سىز بۈگۈن ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە قانداق ئىشلارنى قىلدىڭىز؟ ھەر بىر ئىشنى تاماملاشقا قانچىلىك ۋاقىت كەتتى؟

2. سىز بۇ ھەپتە قايسى جايلارغا پۇل خەجلىدىڭىز؟

ئىشىنىمەنكى، %90 «جەزملەشتۈرەلمەيمەن» دەپ جاۋاپ بىرىدۇ. ھەر كۈندىكىسى ئېنىق ئەمەس بولغاندا، ھەر ئايدىكىسى ئەلۋەتتە تېخىمۇ ئېنىق ئەمەس بولىدۇ. سانسىزلىغان ئېنىقسىز ئامىللار ۋاقىت ئۆتكەنسېرى نامەلۇم بولۇپ قالىدۇ. مەبلەغ سېلىش نامەلۇم، ھاسىلات نامەلۇم بولسا كۆپ ھاللاردا قولغا كەلتۈرگىنىمىز «ھېچنىمە»دىن ئىبارەت.

3. قايتىلانما دېسكا

بىر مەزگىل مەن ئۆزۈمنىڭ ھەرقانچە تىرىشساممۇ، ئىلگىرىلىشىمنىڭ ئىنتايىن ئاستا ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، لېكىن مەسىلىنىڭ قەيەردىن چىققانلىقىنى بىلمىگەچكە، بىر مەھەل تەشۋىشلەندىم. ئۇ مەزگىلەردە، نۇرغۇن ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ، نۇرغۇن مېتودولوگىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن بولساممۇ، لېكىن ئۈنۈمى يوقتەك قىلاتتى. «ھەم زېرىكىشلىك، ھەم ئەھمىيىتى يوق» بۇ مېنىڭ «قايتىلانما دېسكا»غا بولغان ئەڭ دەسلەپكى تەسىراتىم، ۋاز كېچىشنى ئويلىدىم، لېكىن بەرداشلىق بېرىپ، ئۇنى مەن ھەر كۈنى چوقۇم قىلىدىغان بىر ئىشقا ئايلاندۇردۇم. ئاخىرىدا مانا بۇ تەكرالىنىشنىڭ نەتىجىسى چىقتى، مەن مۇۋەپپىقىيەت قازاندىم. ھازىر دەيدىغىنىم: «مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ھەقىقەتەنمۇ بەك قالتىس بولىدىكەن».

ئالدى بىلەن «ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش»نى سۆزلەپ ئۆتەيلى!

مەسىلە بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ئوخشاش بىر ئالاھىدىلىكى بار، ئۇ بولسىمۇ بۇلارنىڭ ھەممىسى «تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش» ئەمەس. بۇ جەرياندا نۇرغۇن كىشىلەردىن مەسىلە چىقىدۇ، لېكىن ئۇلار مەسىلىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، شۇنداقلا مەسىلىنىڭ سەزمىگەن ھالدا تەدرىجىي ئۆزگىرىپ شەكىللىنىدىغانلىقىنى، ئەڭ ئاخىرىدا بولسا چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. «قايتىلانما دېسكا» دەل بۇ كىچىك يوچۇقلارنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىشنىڭ بىر يولى.

بەزىلەر مەيلى نېمىلا ئىش قىلسۇن ئۈچ مىنۇتلۇق قىزغىنلىق بىلەن باشلايدۇ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرمايدۇ، شۇڭا روشەن ئۆزگىرىشنى كۆرەلمەيدۇ. خاتا ھالدا ئۆزى قىلغان بارلىق ئىشلارنىڭ ئەھمىيىتى يوق دەپ قاراپ، تېز نەتىجە كۆرۈلمىگەن «ئەھمىيىتى يوق ئىش»نى ئەڭ چوڭ دۈشمەن دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئىزچىللىقنى ساقلاشتا چىڭ تۇرغاندا، ھەر كۈنى ئازراق ئىلگىرىلىگەنلىكىڭىزنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. «قايتىلانما دېسكا» ئارقىلىق «مەسىلە» ۋە «تەدرىجىي ئۆزگىرىش»نى سېزىپ، ئۆسۈپ يېتىلىش يۆنىلىشىمىزنىڭ ئېغىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

4. ئوقۇش

ئۇ سىزنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش بىلىمىڭىزنى، سىز كۆرگەن نەرسىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بەلگىلەيدۇ.

ئارقا كۆرۈنۈش بىلىمى دېگەن نېمە؟ جاۋاب تېپىشتىن ئاۋال بىز ئاددىي بىر سىناق ئىشلەپ كۆرەيلى.

بىرىنچى:

1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9

بۇ رەقەملەرنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ.

ئىككىنچى:

one, two, three, four, five, six, seven, eight, nine

ئىنگلىز تىلى بىلىدىغان كىشىلەر «رەقەم»نى كۆرۈپ چۈشىنەلەيدۇ، ئەمما ئىنگلىز تىلىنى بىلمەيدىغانلار پەقەت بىر دۆۋە « ھەرىپ»نىلا كۆرەلەيدۇ.

ئۈچىنچى:

neun, eins, zwei, acht, drei, vier, sechs, sieben

بۇ نېمە؟ پىنيىننىلا بىلىدىغانلار يەنىلا بىر دۆۋە پىنيىنچە ھەرپلەر دەپ بىلىدۇ، بۇنى بەلكىم ئىنگلىز تىلى بىلىدىغانلارنىڭمۇ بىلەلىشى ناتايىن. ئەمەلىيەتتە بۇ نېمىس تىلى، ئۇ نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟

ئالدىنقى ئىككى سوئالغا ئاساسلانغاندا بەلكىم %90 ئادەم بۇنى 1~9 دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن؛ لېكىن بۇنداق « ئىنېرتسىيەلىك تەپەككۇر»نىڭ جاۋابى توغرا بولۇشى ناتايىن، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر قاتار تەرتىپسىز سانلار خالاس. مانا بۇ كۆرۈش دائىرىسى ۋە تەپەككۇرنىڭ چەكلىمىلىكى ئەمەلىيەتتە ئارقا كۆرۈنۈش بىلىملىرىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن كېلىپ چىققان. ئىمتىھان ۋاقتىدا، ئوخشاش بىر سوئالنىڭ N خىل يېشىمى بار، بەزىلەر بەلكىم بىر خىلىنىمۇ ئويلاپ چىقالماسلىقىم مۇمكىن؛ سودا مەيدانىدا باشقىلار سودا پۇرسىتىنى كۆرەلەيدۇ، يەنە بەزىلەر بەلكىم ھېچنىمىنى كۆرەلمەسلىكىم مۇمكىن.

كىتاب ئوقۇش، دەل بۇ خىل «چەكلىنىش»نى بۇزۇپ تاشلاشنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۇسۇلى.

يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، مەن ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان ئىككى ئېغىز سۆزنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى.

1. بىلىشىڭىز كېرەك، پەقەت مېڭىشقا تېگىشلىك يولنى مېڭىپ بولغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئارزۇ قىلغان تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ، پەقەت ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىلا، ئاندىن يىراقنى قۇچاقلىغىلى بولىدۇ.

2. دۇنيادا بىكار كېتىدىغان تىرىشچانلىق يوق، تاسادىپىي نەتىجىمۇ يوق، ئەمەلىيەتتە ھەممىسىدە شارائىت پىشىپ يېتىلگەن بولىدۇ.

كىشىلىك ھاياتتا بىكارغا ماڭىدىغان يول يوق، بىكارغا تارتىدىغان جاپامۇ يوق، نۆۋەتتىكى ھەربىر قەدەم كەلگۈسىدىكى ئۇل تاش ۋە سېلىنچا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ئەلۋەتتە. ئاخىرىدا ھەممىمىزنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىشلارنى قىلىشتىن يىراق تۇرۇپ، ئۈن ـ تىنسىز ھالدا تىرىشىپ، ئىزچىللىقنى ساقلاش ئارقىلىق كۆزلىگەن نىشانىمىزغا يېتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.