كۈيى بىلەن سۈرەر ئۇ دەۋران- مەھمۇد سۇلايمانغا مەرسىيە (ئاۋازلىق(

ئەلكۈيى تورى
2020-11-23
來源:تور دۇنياسى

كۈيى بىلەن سۈرەر ئۇ دەۋران


ئەل قەلبىدىكى سەنئەتكار، گىگانت ناخشىچى)

( ئاتاقلىق كومپوزىتور مەھمۇد سۇلايمانغا مەرسىيە

20201123

ياسىن ئىسمائىل ئەلتىرەش


ئۆچتى كۆكتىن بۈگۈن بىر چولپان،

يۈرەكلەردە ھېجران كۈۋەجەر.

ئازاپتا مىڭ ئۆرتىنەر« ئاھ …» دەپ،

ئۇنى تۇققان ئەزىز ئانا يەر.


كەتتى دەريا، ئۆستەڭلەر قۇرۇپ،

سانسىزلىغان كۆزلەردە نۇر يوق.

ئەلنى سۆيگەن سەنئەت شاھىنى،

يىقىتتى زەپ جانغا تويماس «ئوق».


قەشقەردىكى جانان كوچىسى،

ئاچچىق يۇتۇپ يېغلار ئەلەمدە.

چاچار ئىدى شۆھرەت چاچقۇسى،

ئۇ يۇرتىغا ھەر بىر قەدەمدە.


مەھمۇد دېسە، قەشقەر ئوغلى دەپ،

بىلەر ئىدى پۈتۈن يەر-جاھان.

ياشايدۇ ئۇ ئەلنىڭ قەلبىدە،

كۈيلىرىدە سۈرۈپ شان- دەۋران.


2020-يىلى23-نويابىر،ئۈرۈمچى