مەخمۇت سۇلايمانغا مەرسىيە
ئەخمەتجان ئابدۇرەھىم
ۋاھ ئېسىت بۇ يۇرت ئارا بولدى مۇسىبەت بۇنچە زور ،
بىزدە ماختاشقا سازاۋەر قانچە ماھمۇت بار ئىرۇر .
ۋاقتىكىم كەتتى مانا مىسلى سۇلايمان نەسلىدۇر ،
ھەر زەبەردەسلەر بارار جايى-قارا يەر قوينىدۇر .
كاشىغەر مەشھۇرلىرى بولمىش ئېسىللاردىن ئىدىڭ ،
شەۋكىتىڭ شانىڭ راسا بولغان غۇرۇرنىڭ كانىدۇر .
قىلمىشىڭ ناخشاڭ بىلەن تۇرقۇڭ بىلەن بولماس ئەبەت ،
بەلكى شۇ خىسلەت بىلەن قالغان نەمۇنە ئىزدىدۇر .
تاپمىدى كىملەر جاھان سەيناسىدا نامۇ نەسەپ ؟!
كەتمىدى جىمجىت يەنە ئاخىر بارا جايىغىدۇر !
قانچىلاپ دەيمىز قارا، يوق بولدى سەن ئېيتقان قارا ،
سەن بىلەن كەتتى قارا مەنزىلگە ھېچ كەلمەسكىدۇر .
ۋاھ ئېسىت ! مەخمۇت ئۈچۈن ئەخمەت يۈرەكتىن قايغۇرۇر ،
بۇ ھايات بىر ناخشىدۇر ، كىم ياخشى كىم ئارماندىدۇر .
قەشقەر
2020-11-23
مەرسىيە
ئاتاقلىق ناخشىچى ، كومپوزىتور مەخمۇت سۇلايمان ۋاپاتىغا
دىلمۇرات نۇرئابدۇللا
ئاھ ئەجەپ تېز كەتتىڭىز ئەي ئۇيغۇرۇمنىڭ ھافىزى ،
يىغلىدى تاڭدا يۈرەك كۆچتى سامانىڭ يۇلتۇزى .
قەشقىرىم ئوغلانلىرى ھەم سەركىسىز قالدى بۇدەم ،
ۋەھكى ھەر تىللاردا داستان مىڭ « رىۋايەت » نىڭ ئىزى .
ئاھ نىچۈك « بۇ چۈش ئەمەس » كۈيلەر پىغان قىلماقتىدۇر ،
« مەيلىمۇ » دىل ئۆرتىسە ھەسرەت ئىلە تۈن - كۈندۈزى .
بۇ زىمىستان كەتسە ئاچىلغايمۇ « نەۋرۇزنىڭ گۈلى » ؟
قاتتى نەملىك مۇز بولۇپ ھەر كۈيخۇمارلارنىڭ يۈزى .
ۋادەرىخا ناخشىڭىزدەك ئۆمرىڭىز « بەش يۈز » ئەمەس ،
ئەي مۇراد قىلغىن سۇبات ، بۇ جۇدالىقنىڭ ئۆزى .
2020 . 11 . 23