داڭلىق شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ مەخمۇت سۇلايمانغا يازمىسى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-23
來源:تور دۇنياسى

سېنىڭ ئاۋازىڭ

چىمەنگۈل ئاۋۇت

سېنىڭ ئاۋازىڭ

تاغدىن دومۇلىغان تاشقا ئوخشايدۇ.

يۈرىكىمگە كىلىپ توختايدۇ.

ئازاپلىرىمنى يوقلايدۇ.

ماخمۇت سۇلايمان...

سېنىڭ ئاۋازىڭ،

تىكەنلەر ئارىسىدىكى گۈلدەك

قات-قېتىدىن چاچار خۇشپۇراق،

كۈمۈش كولدۇرمىلاردەك،

تارىتار پىراق.

ماخمۇت سۇلايمان...

سېنىڭ ئاۋازىڭ

چىغىر يولدەك شۇنچىلىك گۈزەل،

مۇڭلۇق بىر ناخشىغا كىتەر ئايلىنىپ

مۇھەببەت دەپ توۋلىساق ئەگەر.

سېنىڭ ئاۋازىڭ،

ئېقىپ كىرەر ئىچىمگە تىمتاس.

سېنى سۆيگەن يۈرىكىم بىلەن

ئورمانلارنى قىلىمەن قىياس.....

ماخمۇت سۇلايمان