
ئۆلۈم يېڭىلىق ئەمەس ھاياتتا،ياشاش تاڭ قالارلىق ئىش ئەمەس ھامان.ئۆلۈم راستىنلا يېڭىلىق ئەمەس، مەن ئۆلۈمگە قىزىقمايمەن، بىراق سەنئەتكارلارنىڭ ئۆلۈمىدىن ئەپسۇسلىنىمەن ۋە ھاڭ – تاڭ قالىمەن، ئەمما ھامان ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىم ۋەجىدىن ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىدىن ئازاپلانمايمەن. ئۆلۈپ كەتكەنلەر توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلمايمەن. مەن ئۆلۈپ سىناپ باقمايمەن، بىراقلا ئۆلىمەن. قانداق ئۆلۈش توغرىسىدا ئويلىنىپ يۈرمەيمەن، چۈنكى ئۆلۈم ئۆزىنى قانداق قوبۇل قىلىدىغانلىقىمنى ۋاقتى كەلگەندە ئۆگىتىپ قويىدۇ. مەن ئۆلگەن ئادەمنى بىرلا قېتىم كۆرۈپ باقتىم. مەلۇم بىر كۈنى قەدىردان بۇرادىرىم ئەلى غوجاخۇننىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتتى. بىز تۆتئەيلەن مېيىتنى 4 – قەۋەتكە ئېلىپ چىقتۇق، ئۆلۈكنىڭ بېشى قۇرسىقىمغا تىكەن كەبى سانجىلىپ تۇراتتى. شۇكۈنى مەن ئۆلۈپ كەتكەن بۇ كىشى مېنىڭ دادام ئەمەس، بىر بۇرادىرىمنىڭ دادىسى دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بەرگەنىدىم. دادام ھايات، بىراق ئۇ ھامان مەندىن بۇرۇن ياكى كېيىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. دادام ئىدىئالىزمچى ئادەم، ئۇنىڭ ئۆلىمى ئەشەددىي قورقۇنچلۇق بولىدۇ. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن مېنى دەپ ئازاپ چېكىشى مۇمكىن، چۈنكى بىر يارىماس ئادەمنىڭ ئاتىسى بولغانلىقىدىن پۇشايمان يەيدۇ. ئەگەر مەن دادامدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتسەم مەن دادامنىڭ يىغلاپ سېلىشىدىن، ھۇشىدىن كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن. ئۆلۈم ئەزەلدىن بار ئىش، بىراق ئۆلۈپلا تۈگەشسە ياكى ئۆلۈم ئۆزى بىلەنلا كەتسە بۇ بەلەن ئىش، بىراق ئۆلۈم ئادەمنىڭ ئۆزى بىلەنلا كەتمەي، بىر بۆلۈك ئادەمنى قىيناققا ئالىدۇ. بەزىلەر ئۆلگۈچىنى دەپ زار – زار ياش تۆكىدۇ، يەنە بەزىلەر يالغاندىن ياش تۆككەن قىياپاتكە كىرىۋېلىش ئۈچۈن كۆپ ھەرەج تارتىدۇ. بۈگۈن مەھمۇد سۇلايمان ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ماڭا نىسبەتەن ئەپسۇسلۇق بىر ئىش، چۈنكى ئۇ سەنئەتكار بولغانلىقى ۋەجىدىن مەن ئەپسۇسلاندىم، بىراق ياش تۆكمىدىم، شېئىر يازمىدىم، چەمبىرەككە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم يازغان مۇنداق بىر شېئىرنى ھەمبەھىرلەپ ئۇنى ئۇزاتتىم:بىر يۇلتۇز ئۆچتى بۇ ئەل كۆكىدىن،ئۆچمەس ئۇ دىلدا يۈكسەكلىدىن.ئەلۋىدا دوستۇم مەھمۇد سۇلايمان،يېرىلدى يۈرەك چاكۇ – چېكىدىن.ئاڭلىشىمچە، مەھمۇد سۇلايمان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىپتۇ، ئەگەر يۈرەك بىلەن ئۆلۈپ كەتكۈچىلەرنى بىر رەتكە تىزىش توغرا كەلسە ئۇ بۈيۈك تىلچى مەھمۇد كاشىغەرى، شائىر باتۇر روزى، غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدلەر بىلەن بىر سەپكە تىزىلىدۇ. مەن مەلۇم بىر كۈنى شۇ سەپكە تىزىلىمەن. مەن مەھمۇد سۇلايمانغا مۇنداق باھا بېرىمەن: مەھمۇد سۇلايمان بەك كۆپ ئادەم سەنئەتكارلىق دەۋاسى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئارىمىزدىن كەتكەن، سەنئەتكار دېگەن ئاتاققا لايىق ساناقلىق كىشىلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىدە كىرمە ئەسەرلەر، تەقلىدلىدچىلىك ئاساسەن تېپىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن مىللىيلىكنى،مۇڭنى، چوڭقۇر ئازابنى، تېرەنلىكنى قانچە ئىزدىسە شۇنچە تاپقىلى بولىدۇ.ئېھ، مەن بىر مەرتەم كۆرۈشۈپ مۇڭدىشىشقا مۇيەسسەر بولالىمىغان مەھمۇد سۇلايمان، ئەركەكتەك ياشاش نەقەدەر مۈشكۈل،- ھە! 
مەھمۇد سۇلايماننىڭ تەرجىمھالىمەھمۇد سۇلايمان 1968 – يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. مەھمۇد سۇلايمان ھايات ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ، 1981 – يىلىدىن يىلدىن 1985 – يىلىغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنسىتىتوتىدا بالىت ۋە پىئانىو كەسپىدە ئوقۇغان، 2005 – يىلىدىن 2011 – يىلىغىچە شاڭخەي مۇزىكا ئىنسىتىتوتىدا مۇزىكا ئىشلەش نەزەرىيەسى ۋە كومپوزىتۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇغان.
1989 – يىلى شىنجاڭدا تۈنجى بولغان ئېلىكتىرۇنلۇق چالغۇ مۇزىكا ئەترىتى «رىۋايەت» ئانسامبىلىنى قۇرغان، 1989 – يىلدىن 2005 – يىلىغىچە بەش پارچە مۇزىكا پىلاستىنكىسىنى نەشىر قىلدۇرغان، كۆپلىگەن تېلىۋىزىيە – تىياتىرلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن ۋە ناخشىسىنى ئېيىتقان، شىنجاڭ ئىچى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۆپ قېتىم چوڭ تىپتىكى ناخشا كېچىلىكىگە قاتنىشىپ ياخشا باھالارغا ئىرىشكەن، كۆپلىگەن ئەسەرلىرى مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. 52 يىللىق ھايات مۇساپىسىدە 500 دىن ئارتۇق ئىجادىي ئەسەرنى روياپقا چىقىرىش بىلەن بىرگە، 50 كە يېقىن ياراملىق ئىزباسار تەربىيەلىگەن.
-مۇختەر قۇربان

مەھمۇد سۇلايمانغا بېغىشلانغان شېئىرلارئۇ چوڭ بولغان قەشقەر كوچىلىرى،ئۇ ساما ئوينايدىغان ھېيتگاھ مەيدانىداسېغىنىشقا ئايلانغان قارلار...ئۇنى قەشقەرلىك مەھمۇد دېدىم،مەھمۇدتەك بولغان ئاخىر يۈرەك كېسىلى.ئاۋازى قېپقالدى مەڭگۈ جاراڭلاپ،ئىسراپىلنىڭ نەرىسى كەبى...2020-يىل، 23-نۇيابىر، چاشكا، يېڭىشەھەركەتمەيدىغان ئۆلۈم بار پەقەتتونۇشمايمىز ئىككىمىز، ئەمما،ئاسمىنىڭ بار ئىدى قەلبىمدە،كۈيلەردىكى پەرۋازىڭ بىلەن.سەن كېتىپسەن كەلمەسكە ئەمدى،مەيلى ئىدى قەشقەرگە كەتسەڭ.ساماۋەردە بوۋايلار بىلەن،ناخشا توۋلاپ يۈز ياشقا يەتسەڭ.شۇنداق دەيمىز، كېتىمىز بىر – بىر ،كەتمەيدىغان ئۆلۈم بار پەقەت.كەتكەنلەرگە يىغلايدۇ يۈرەك،ئاندىن كېسەل تۇتىدۇ دەھشەت.يۈرەك كېسەل بولمىغان ئادەم،بۇ دۇنياغا كەلمىگەن ئەسلى.مەنمۇ سەندەك يۈرەك كېسىلى،ئۆلۈم-جاننىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلى!2020- يىلى، 11- ئاينىڭ 23- كۈنى، يېڭسار.ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا ماڭا قارىغاندا ناخشىنى بەكرەك چوڭقۇر چۈشىنىدىغان، ناخشا، مۇزىكا ھەققىدە ئۆزگىچە ۋە يېڭى مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مېنى يېتەكلەيدىغان بىر نەچچە ئاغىنەم بار ئىدى،ئەنە شۇ دوستۇم ئۇستاز مەھمۇد سۇلايماننىڭ «يۇلتۇزۇم»، «گۈلى رەنا» دېگەن ناخشىلىرىنى تەكرار – تەكرار ئاڭلاپ، يۈكسەك باھا بېرەتتى. مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇ سەھنىدە كەمدىن كەم كۆرۈنىدىغان سەنئەتكارنى ھەمىشە سەھنىدە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ، ھەر بىر ئەسىرىنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئىشتىياق بىلەن كۆرۈپ كەلگەنىدىم، مانا ئەمدى بۇ چولپانىمىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدۇق!
-ئاسىمجان ئۇبۇلقاسىم

来源:微信公众平台
监制:麦提江
审稿:阿米娜
稿子:麦提江

www.alkuyi.com