ئاتاقلىق سەنئەتكار مەھمۇد سۇلايمانغامەرسىيە
مەھمۇد سۇلايمانغا مەرسىيە
ئىمىن ئەھمىدى
مۇڭدىشارمىز دېدىم ئۈلگۈرەلمىدىم
سەھەر-كەچلەر ئۆتتۈڭ ئالدىراش.
نىچۈك خىيالىمغاكەلتۈرەلمىدىم
كېتىشىڭنى بۇ تەرىقە ياش!
ۋاپا قىلدىڭ ئىتىقادىڭغا
بولدى ھايات ساڭاباغرى تاش.
ئايلانماس دېدىم يېشىم دەرياغا
قىيان گۇيا كۆزۈمدىكى ياش.
چىچەك چىقتى ھەرنە ۋەدىگە
ئاجىزلىقى بولۇپ قالدى پاش.
سەن ھاپاش قىلغان نى نى ئارمانلار
قىلالمىدى سىنى ھېچ ھاپاش......
ۋىجدان ئېتىزىمغا يامرىدى كەلكۈن
تاقەت ئېرىقلىرىدا يىمىرىلدى قاش.
يۇرتنىڭ دالالىرى سىنىڭسىزغەمكىن
ئۈمچۈيۈپ قالدى نەچچە قەلەمقاش.
ناخشاڭ ئىدى غەمگە تەسەللى
لىۋىمگەمەي ۋۇجۇدۇمغا ئاش.
نىسىپ بولغان بولسا بېرىۋەر مەيلى
تۇرداخۇن بىلەن بىرلىكتە ياشاش.
لېكىن سۇباتىڭ،مەردانىېلىقىڭ
تۇرۇۋېرىدۇ ناخشاڭ بىلەن ياش.
ۋە بىلىپ قالىدۇ ئوغۇل-قىزلىرىڭ
ئەزىزلىكىنى چۈشكەن يەردە تاش.
2020-يىلى23-نويابىر