سەن ياشايسەن مىليون قەلىبتە

ئەلكۈيى تورى
2020-11-24
來源:تور دۇنياسى


ئوت يۈرەك، بىتەكرار سەنئەتكار مەھمودسۇلايمانغا مەرسىيە

微信图片_20201124132759.jpg


سەن ياشايسەن مىليون قەلىبتە .

مۇھەممەتتۇرسۇن بارات ( مۇقام )


مەھمۇد ئىدى ئسمىڭ بەك ئۇلۇغ .

قەلىبلەرگە ئويۇلغان ئسىم .

يۈرەكلەرنى مىڭ پارە قىلىپ .

قايان كەتتىڭ جېنىم ئادىشىم .



ئەل ئوغلىغا ئايلانغان ئۆزۈڭ .

ناخشاڭ بىلەن كۆيدۈرۈپ ئەلنى .

كارۋان ئىدىڭ سەنئەت يولىدا .

بىسىپ كەلگەن بۇ بۈيۇك يولنى .



كۈيلەر ئىدىڭ ناخشاڭغا قېتىپ .

ئەل ئشقىنى، چىن مۈھاببەتنى .

ئىسىل، كەم سۆز،جىمغۇر ئىدىڭ سەن .

يۈرىكىڭگە سالغانمو دەرتنى .



مەردانە شۇ شىردەك قامىتىڭ .

قەشقەرلىقنىڭ نەق ئۆزى ئىدى .

ناخشاڭدىكى ئەركەك ئاۋازىڭ .

سەنئتىمنىڭ جۈپ كۆزى ئىدى .



ئەلمىساقتىن ھەممىگە باردۇر .

ئۆلۈم ھەقتۇر، ئۆلۈم مۇتلەقتۇر .

ئەمما سەندەك ئەل ئوغلانىنى .

بۇ دۇنيادا ئۇنۇتماق تەستۇر .



خەير دوستۇم، ئورنۇڭ گۈل بولسۇن .

ئىز باسارىڭ باردۇر بۇ سەپتە .

ئۆزۈڭ كەتتىڭ،    كۈيلىرىڭ قالدى،

سەن ياشايسەن مىليۇن قەلىبتە .


2020 -11 -23

شەھرى ئۈرۈمچى