كەتمەيدىغان ئۆلۈم بار پەقەت
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
تونۇشمايمىز ئىككىمىز، ئەمما،
تونۇشىمەن ئاۋازىڭ بىلەن.
ئاسمىنىڭ بار ئىدى قەلبىمدە،
كۈيلەردىكى پەرۋازىڭ بىلەن.
سەن كېتىپسەن كەلمەسكە ئەمدى،
مەيلى ئىدى قەشقەرگە كەتسەڭ.
ساماۋەردە بوۋايلار بىلەن،
ناخشا توۋلاپ يۈز ياشقا يەتسەڭ.
شۇنداق دەيمىز، كېتىمىز بىر-بىر،
كەتمەيدىغان ئۆلۈم بار پەقەت.
كەتكەنلەرگە يىغلايدۇ يۈرەك،
ئاندىن كېسەل تۇتىدۇ دەھشەت.
يۈرەك كېسەل بولمىغان ئادەم،
بۇ دۇنياغا كەلمىگەن ئەسلى.
مەنمۇ سەندەك يۈرەك كېسىلى،
ئۆلۈم-جاننىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلى!
2020- يىلى، 11- ئاينىڭ 23- كۈنى،يېڭسار.