10 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، غۇلجا ناھىيەسىدىكى 65410370 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا ئوتتۇرا ياشلىق ئۇيغۇر ئەر خالىق قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىدا 30 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
شۇ كۈنى، خالىق ئەپەندىم ئادەتتىكىگە ئوخشاش غۇلجا ناھىيەسىدىكى زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلدى، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا بىكار قالغان خالىق غۇلجا ناھىيەسىدىكى 65410370 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ، بىرقانچە قوش رەڭلىك توپ نومۇرى سېتىۋالغاندىن كېيىن، كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى ئىككى يۈەنلىك قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «باي-باشات» لاتارىيە بېلىتىدىن ئاران ئون تال قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئازراق ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمىد قىلىپ ھەممىنى سېتىۋالدى. ئۇ لاتارىيە بېلىتى بىر-بىرلەپ قىرىپ چىقتى، ئالدىدىكى بىر قانچە پارچە لاتارىيە بېلىتىدىن ھېچقانداق مۇكاپات چىقمىدى، تاكى سەككىزىنچى پارچىسىنى قىرغاندا بىر «چوڭ بېلىق» ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى، خالىق ئەپەندىم لاتارىيەنى قولىدا چىڭ تۇتۇپ، خۇشال ھالدا ئۇسسۇل ئويناپ كەتتى.
ئەتىسى، خالىق ئەپەندىم ئىلى پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە مۇكاپات ئالغان ۋاقىتتا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«مەن ئۆزۈمنىڭ 30 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان، ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم!»-دېدى.