«ياخشىمۇ سىز! قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز!» 10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتە، غۇلجا شەھىرى 65410187 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بىر يىگىت كىردى، مال ساتقۇچى دەرھال ئالدىغا بېرىپ ئەھۋال سورىدى. يىگىتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۆزى ياقا يۇرتلۇق بولۇپ، سەپەر ئۈستىدە يول مېڭىپ ھېرىپ قالغاندا كىرىپ ئارام ئالماقچى بولغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر نەچچە تال لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ياقا يۇرتلۇق بۇ يىگىت شياۋلۈ پونكىتىغا كىرگەندىن كېيىن، بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئىشكاپتىكى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلەتلىرىنى كۆزەتتى، تىزىپ قويغان بېلەتنى ئون نەچچە مىنۇت كۆزدىن كەچۈرگەندىن كىيىن، ئارقىدىن 50 يۈەنلىك «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» تىن ئىككى پارچە سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى. بىرىنچى پارچسىدا مۇكاپات چىقمىدى، ئىككىنچى پارچىسىنى قىرىپ بولغاندىن كىيىن « ئويناش ئۇسۇلى ئىككىنچى» رايونىدا بىردىنلا ئۈچ ئوخشاش شەكىل پەيدا بولدى، ئاستىغا «10000» دېگەن خەت يېزىلغان ئىدى. شياۋلۈ كۆزىنى سۈرتۈپ سەل ئىشەنمەيلا قالدى، ئۇ يەنە قولىغا ئېلىپ تەپسىلىي قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ راستتىنلا 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.
شياۋلۈ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«مەن غۇلجىغا كەلگىلى تېخى نەچچە كۈن بولمىدى، تەرەپ ـ تەرەپكە قاتراپ خىزمەت ئىزدەۋاتىمەن، ھېرىپ قالساملا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ ئارام ئالىمەن، بۇنداق چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم، بۇ لاتارىيە بېلىتى ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق <دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي> ئىكەن! ئەمدى مېنىڭ ياتاق ۋە تاماق پۇلۇم كاپالەتكە ئىگە بولدى، ئەمدى مەن يەنە مۇقىم بىر خىزمەت تېپىپ، گۈزەل غۇلجىدا ئۇزاق مۇددەت تۇرىمەن!»-دېدى.