جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-نويابر تېلېگراممىسى: ياۋروپا بىرلەشمە تورى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئىتالىيە مەملىكەتلىك مودا كىيىم جەمىيىتى 23-نويابىر تاراتقۇلارغا، شۇ جاي ۋاقتى 21-نويابىر كەچتە، ئىتالىيە مەملىكەتلىك مودا كىيىم جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى، مىلان مودا كىيىم ھەپتىلىكىنىڭ بەرپاچىسى بەپ مودېنېس 90 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىتالىيە مەملىكەتلىك مودا كىيىم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كاپېسا (Capasa) مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: مودېنېس پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىتالىيەنىڭ مودا كىيىم كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى دۇنيا مودا ئېقىمىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىغا ھەقىقىي تۈردە كىرگۈزگەن.
مودېنېس ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق ئىتالىيەنىڭ مودا ماركىسىنى بەرپا قىلغان، مىلان مودا ئېقىم مەركىزى ۋە مىلان مودا كىيىم ھەپتىلىكىنى خەلقارالىق ئورۇنغا ئېرىشتۈرگەن. مودېنېس كەسپى ساھەدىكىلەر تەرىپىدىن ئىتالىيەنىڭ «مودا ئېقىم ئاتىسى» دەپ تەرىپلەنگەن.
مودېنېس 1950-يىللاردىن باشلاپ جېرۋانى باتىستا جورجىنى (Giovanni Battista Giorgini) بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىتالىيە مودا ماركا ئىگىلىكىنى بىرلىكتە قۇرغان، ھەمدە 50- يىللارنىڭ باشلىرىدا فرېنزا (Firenze)دا تۇنجى مەيدان ئىتالىيە مودا كىيىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن. ئەينى چاغدا ئىتالىيەنىڭ مودا ماركىسى ئەملىيو پۇچى (Emilio Pucci) ۋە روبېرتو كاپۇچى (Roberto Capucci) قاتارلىق مودا كىيىم مەھسۇلاتلىرى خەلقارا مودا ساھەسىدە باش كۆتۈرۈشكە باشلىغانىدى.
مودېنېس ئىتالىيە مودا ماركىسىنىڭ مەركىزىنى پىتى پەلېس (Pitti Palace) سارىيىدىن مىلانغا يۆتكەشتە مۇھىم رول ئوينىغان، ئۇ مىسونى (Missoni) قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق ماركا قۇرغۇچىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشكەن.
مودنىس ئىتالىيە مەملىكەتلىك مودا كىيىم جەمىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى. بۇ مودا كىيىم جەمئىيىتىگە ئىزچىل رەھبەرلىك قىلغان. مودېنېس ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئىتالىيە مودا كىيىم كۆرگەزمىسى ئاساسلىقى مىلان يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزىلگەن.
مودېنېس مىلان مودا كىيىم ھەپتىلىكىنى قۇرغاندىن كېيىن، ئىتالىيەنىڭ نۇرغۇن ماركىلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان.
ئۇنىڭ ھاياتى مودا ئېقىم ساھەسى ۋە سىياسىي، سودا ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ماختىشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
مودېنېس ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىتالىيەنىڭ سىياسىي، سودا ساھەسى ۋە خەلقارادىكى داڭلىق سودا ساھەسىدىكى، مودا ئېقىم ساھەسىدىكى زاتلار، ۋە ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى بەس-بەستە تېلېگرامما يوللاپ، ياكى ئوخشىمىغان شەكىللەر بىلەن مودنىسنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىگە تەزىيە بىلدۈردى ھەمدە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى.
ئىتالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى مەتېئو رەنزى (Matteo Renzi) ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسى ئارقىلىق مودېنېسنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى ھەمدە مودېنېسنى ئىتالىيەنىڭ مودا تاۋارلىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشكە يېتەكلىگەن ۋە تۈرتكە بولغان مۆتىۋەر دەپ ماختىدى.