گرېزماننىڭ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئانچە ياخشى ئەمەس

ئەلكۈيى تورى
2020-11-24
來源:تېڭشۈن تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى G گۇرۇپپا 4-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، كىيېۋ دىنامو ساھىبخان مەيداندا بارسېلونانى كۈتۈۋالىدۇ. بارسېلونا ئاللىقاچان بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مېسسى ۋە دېيوڭ قاتارلىقلار ئارام ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن، بۇسكېس يارىلىنىش سەۋەبلىك تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن، ھۇجۇم سېپىدە گرېزمان تاللانغان.

سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بارسېلونا ھۇجۇمچىسى گرېزمان چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە مېھمان مەيداندىكى 14 مەيدان مۇسابىقىدە پەقەت بىر توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، يەنى بۇ يىل 2-ئايدان مېھمان مەيداندا ناپولى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ بارسېلونانىڭ مېھمان مەيداندا 1:1 نەتىجىدە تەڭلىشىشىگە كۈچ قوشقان. گرېزمان كەسپىي ھاياتىدا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە جەمئىي 23 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان مەيداندا پەقەت ئالتە توپ كىرگۈزگەن.