بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى لېۋاندوۋىسكى يېقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، 2020-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى توغرىسىدا سۆز قىلدى، پولشالىق بۇ ھۇجۇمچى ئەمەلىيەتتە ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تالىشىش پۇرسىتى بار دەپ قارالغان. لېۋاندوۋىسكى بۇ مەسىلە توغرىسىدا سورالغان سۇئالغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ مۇھىم ئەمەس، چۈنكى ئۇ قوشۇمچە نەرسە. ئەگەر مەن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدىغان بولسام، بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن ھەم بۇنىڭدىن خۇشال بولىمەن، ئەمما بۇلار مېنىڭ بارلىقىم ئەمەس. بۇ قارار باشقىلار تەرىپىدىن چىقىرىلىدۇ، لېكىن ھايات يەنە داۋاملىشىدۇ» دېگەن.
لېۋاندوۋىسكى ئالدىنقى پەسىل بايرېن مىيۇنخېنغا ۋاكالىتەن ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 47 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 55 توپ كىرگۈزۈپ 10 ياردەمچى پاس بەرگەن. بۇ پەسىل باشلانغاندىن بۇيان 12 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 13 توپ كىرگۈزۈپ يەتتە ياردەمچى پاس بەردى.