بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 4-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، كىيېۋ دىنامو ساھىبخان مەيداندا بارسېلونانى كۈتۈۋالىدۇ. بارسېلونا ئورگان تورىدا بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مېسسى، دېروڭ قاتارلىق بىر قىسىم ئاساسلىق ئەزالار بۇ قېتىم ئارام ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ چوڭ تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئىزچىل يارىلىنىش سەۋەبلىك ئارام ئېلىۋاتقان توپچىلاردىن دېمبېلې بۇ قېتىملىق تىزىملىككە تاللانغان.
بارسېلونانىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:
قاپقىچى: تېرستېگېن (1-نومۇر)، نېتو (13-نومۇر)، پېنىيا (26-نومۇر)
بېك: دېست (2-نومۇر)، لېنگلېت (15-نومۇر)، ئالبا (18-نومۇر)، فېرپو (24-نومۇر)، مىنگۇزا (28-نومۇر)
ئوتتۇرا مەيدان: ئالېنىيا (6-نومۇر)، پيانىچ (8-نومۇر)، پۇيگ (12-نومۇر)، كوتىنھو (14-نومۇر)، پېدرى (16-نومۇر)، ماسېيۇس (19-نومۇر)
ھۇجۇمچى: گرېزمان (7-نومۇر)، برەيسۋەيت (9-نومۇر)، دېمبېلې (11-نومۇر)، ترېنكاۋ (17-نومۇر)، كونراد (29-نومۇر)