ئورگان تورى: ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ئىتالىيەدە ئۆتكۈزىلىدۇ

ئەلكۈيى تورى
2020-11-24
來源:جىبوبا تورى


يۇۋېنتۇس ئورگان تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇۋېنتۇس بىلەن ناپولى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

يۇۋېنتۇس ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى، ناپولى بولسا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى، ئىككى كوماندا ئوتتۇرىسىدىكى ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ئەسلى سەئۇدىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان، لېكىن يۇقۇم ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىتالىيەنىڭ رېگىئو ئېمىلىيا رايونىدا (رىمنىڭ غەربىي قىسمى) ئۆتكۈزۈلىدۇ.