بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر 4:00تىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 4-ئايلانمىسىدا، يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا مەيداندا فېرېنسۋاروسى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. يۇۋېنتۇس ھازىر ئۆز گۇرۇپپىسىدا ئىككىنچى ئورۇندا، فېرېنسۋاروسى كوماندىسى بولسا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرماقتا. بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا، يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا 4-1 نەتىجىدە غەلىبە قىلغان، ئۇنداقتا يۇۋېنتۇس بۇ مەيدان مۇسابىقىدە داۋاملىق غەلىبە قىلالامدۇ؟
مۇسابىقە خاراكتىرى: ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 4-ئايلانمىسى
مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر 4:00
مۇسابىقە ئورنى: تۇرىن ئاللىيانىز توپ مەيدانى
كۆرۈش نۇقتىسى 1: رونالدو بۇ پەسىللىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزۈشكە ئاتلىنىدۇ
بۇ پەسىل باشلانغاندىن بۇيان 35 ياشلىق رونالدونىڭ ئىپادىسى يەنىلا قالتىس بولىۋاتىدۇ، ئۇ بۇ پەسىللىك ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە تۆت مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ، سەككىز توپ كىرگۈزۈپ بىر ياردەمچى پاس بەردى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 48 مىنۇتتا بىر توپ كىرگۈزدى، گەرچە كىرگۈزگەن توپ سانىدا ئبراھىموۋىچنىڭ كەينىدە بولسىمۇ، لېكىن توپ كىرگۈزۈش ئۈنىمىدە ئىبراھىموۋىچتىن ئىشىپ كەتتى. لېكىن رونالدو يۇقۇملىنىشى سەۋەبىدىن بۇ پەسىل يۇۋېنتۇسقا ۋاكالىتەن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئاران بىر مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشتى، لېكىن توپ كىرگۈزەلمىدى، ھەتتا مەستانىلەر «قوش شاھ»نىڭ رىقابىتىنى كۆرەلمىدى. يۇۋېنتۇس ئۈچ ئايلانما مۇسابىقىدە ئىككى مەيدان غەلىبە قىلىپ بىر مەيدان تەڭلىشىپ، ئالتە نومۇر بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ، بۇ گۇرۇپپىدىكى بارسېلونادىن باشقا فېرېنسۋاروسى كوماندىسى بىلەن كىيېۋ دىنامو كوماندىسى بىر قەدەر ئاجىز كوماندىلار، شۇڭا يۇۋېنتۇس بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلسىلا، بارسېلونا بىلەن بىرلىكتە گۇرۇپپىدىن چىقىپ كېتەلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، رونالدو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بۇ پەسىللىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزۈشكە ئاتلىنىدۇ، ئۇنداقتا رونالدو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزەلەمدۇ؟
كۆرۈش نۇقتىسى 2: چېللىنى ۋە بونۇچى مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ، ئۇنداقتا دېلىگت ۋە دېمىرالنىڭ ئىپادىسى قانداق بولىدۇ؟
ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىپ قوشۇۋالغان گوللاندىيەلىك «ئالتۇن ئۆسمۈر» دېلىگت دەسلەپكى باسقۇچتا تەنقىدكە ئۇچرىغان، ھەتتا رەقىبىگە قايتا-قايتا نۇقتا توپ سوۋغا قىلىشى مەستانىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىغان، ئەمما پەسىلنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، گوللاندىيەلىك بۇ توپچى ئاستا-ئاستا ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ رېتىمىغا ماسلىشىپ، ئۆزىنىڭ تالانتى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلدى. يەنە بىر بېك دېمىرال ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە يۇۋېنتۇسنىڭ ئەڭ ئۈنىمىنى كۆرگەن توپچىسىغا ئايلاندى، بۇ توپچىنىڭ مۇستەھكەم توپ ئويناش ئۇسلۇبى يوقاپ كەتكەندە دېلىگتنىڭ ئورنىنى ياخشى تولدۇردى، شۇنداقلا مەستانىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.
بۇ پەسىل يېشى چوڭلاپ قالغان چېللىنى بىلەن بونۇچىنىڭ مەيدانغا چىقىش قېتىم سانى ئازلاپ، دېمىرال كۆپ ھاللاردا ئاساسلىق ئەزا بولدى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن پىرلونى قايىل قىلىش بىلەن بىرگە، يۇۋېنتۇسنىڭ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ئەڭ ئاز توپ كەتكۈزگەن كوماندىغا ئايلىنىشىغا كۈچ قوشتى. ئالدىنقى ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە دېلىگتمۇ كوماندىغا قايتىپ كەلدى، پىرلومۇ تۆت بېك ئىشلىتىپ، يەتتە ئايلانما مۇسابىقىدە 14 توپ كىرگۈزگەن كاگلىيارى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە توپ كەتكۈزمىدى. ئۇنداقتا دېلىگت ۋە دېمىرالنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى قانداق بولىدۇ؟