بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۆتىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە تۇرىن ئاللىيانز توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا فېرېنسۋاروسى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا 1:2 نەتىجىدە فېرېنسۋاروسى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، بۇ مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 35 مىنۇت بولغاندا يۇۋېنتۇس ھۇجۇمچىسى كرىستىيانو رونالدو يىراقتىن قالتىس توپتىن بىرنى كىرگۈزدى.
بۇمۇ رونالدونىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى كىرگۈزگەن تۇنجى توپى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن رونالدو ئۇدا 15 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە توپ كىرگۈزۈشتەك قالتىس نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈردى، ئۇ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ھازىرغا قەدەر جەمئىي 131 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە داۋاملىق بىرىنچىلىكنى ساقلاپ كەلدى.
يۇقارقىلاردىن باشقا بۇ رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى كىرگۈزگەن توپ سانى 749 توپقا يەتكەن، بۇ مۇسابىقە پەسلى باشلىنىپ ھازىرغا قەدەر رونالدو يۇۋېنتۇسقا ۋاكالىتەن يەتتە مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، توققۇز توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە بىر قېتىم ياردەم پاس بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە بەش مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ سەككىز توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئىككى مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، بىر توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە بىر قېتىم ياردەم پاس بەرگەن.