يېقىندا ئىتالىيە تاراتقۇسى «تۇرىن تەنتەربىيە گېزىتى» باش بېتىدە بىر خەۋەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، كرىستىيانو رونالدونىڭ ۋاستىچىسى مېندېس، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان چېغىدا، ئاز دېگەندە توختام مۇددىتى ئاخىرلاشقۇچە بولسىمۇ، رونالدونىڭ يۇۋېنتۇستىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رونالدونىڭ ئىسمى ئادەتتىكىگە ئوخشاش قىسقارتىلىپ «CR7» دەپ ئېلىنغان بولۇپ، «تۇرىن تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ باش بېتىگە «CR2022» دەپ يېزىلغان، 2022-يىلىمۇ رونالدو بىلەن يۇۋېنتۇس كۇلۇبىنىڭ ھازىرقى تۈزگەن توختامى ئاخىرلىشىدىغان يىل ھېسابلىنىدىكەن.
رونالدونىڭ كەلگۈسى ھەققىدە توختىلىپ مېندېس مۇنداق دېگەن:
«ئاز دېگەندىمۇ توختام مۇددىتى ئاخىرلاشقۇچە، رونالدو يۇۋېنتۇستىن ئايرىلمايدۇ، ئۇ يەنە كۆپلىگەن رېكورتلارنى بۇزىدۇ، ئۇ ئاللىقاچان ترېنېر پىرلونىڭ تولۇپ-تاشقان ئىشەنچىگە ئېرىشىپ بولدى، ئۇنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئىپادىسىمۇ قالتىس، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرىن شەھىرىنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدەك ھىس قىلىدۇ.»
بۇ مۇسابىقە پەسلى، كرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇسقا ۋاكالىتەن ئالتە مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا سەككىز توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە بىر قېتىم ياردەم پاس بەرگەن.