چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: مادرىد ئاتلېتكا VS موسكۋا پاراۋۇز مۇسابىقىسىگە نەزەر

ئەلكۈيى تورى
2020-11-25
來源:جىبوبا تورى



بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەر 4:00تىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانمىسىدا، مادرىد ئاتلېتكا ساھىبخان مەيداندا موسكۋا پاراۋۇز كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. مادرىد ئاتلېتكا ھازىر ئۆز گۇرۇپپىسىدا ئىككىنچى ئورۇندا، موسكۋا پاراۋۇز بولسا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرماقتا. بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا، ئىككى كوماندا 1-1 نەتىجىدە تەڭىشى قالغان، ئۇنداقتا مادرىد ئاتلېتكا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلالامدۇ؟

مۇسابىقە خاراكتىرى: ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 4-ئايلانمىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەر 4:00

مۇسابىقە ئورنى: ۋەندا مەركىزى پۇتبول مەيدانى


مادرىد ئاتلېتكىنىڭ ئەھۋالى:

كوماندىدىكى فېلىكس، جىمىنې ۋە لورېنت قاتارلىق توپچىلار بۇ پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە توپ كىرگۈزدى، كوماندىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ياخشى. مادرىد ئاتلېتكا تارىختىن بۇيان موسكۋا پاراۋۇز بىلەن ئوينىغان ئالتە قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ تۆت قېتىمىدا غەلىبە قىلغان، بۇ جەھەتتە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. مادرىد ئاتلېتكىنىڭ ھۇجۇم كۈچى تۇراقلىق، ئۇلار ئۆتكەن سەككىز قېتىملىق رەسمىي مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە توپ كىرگۈزدى، بولۇپمۇ ساھىبخان مەيدان مۇسابىقىسىدە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ، چۈنكى ساھىبخان مەيداندا ئوينىغان يېقىنقى تۆت مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلغان، شۇنداقلا يېقىنقى سەككىز قېتىملىق ساھىبخان مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ بەش مەيدانىدا ئۈچ توپتىن ئارتۇق توپ كىرگۈزگەن. بۇ مەيدان مۇسابىقىگە سۇئارېز، تورېرا ۋە ۋىرسالكو قاتارلىق توپچىلار قاتنىشالمايدىغان بولسىمۇ، لېكىن كوماندىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.


موسكۋا پاراۋۇزنىڭ ئەھۋالى:

كوماندىنىڭ يېقىنقى ھۇجۇم كۈچى خىلى ياخشى، ئۇلار يېقىنقى يەتتە مەيدان رەسمىي مۇسابىقىنىڭ بەش مەيدانىدا ئىككىدىن ئارتۇق توپ كىرگۈزگەن، كوماندىنىڭ ھۇجۇم كۈچى ياخشى بولغاچقا ئۇلارنىڭ نەتىجىسىمۇ ياخشى بولىۋاتىدۇ، موسكۋا پاراۋۇز كوماندىسى ئۇدا 11 مەيدان رەسمىي مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈش رېكورتى ياراتتى. لېكىن كوماندىنىڭ مېھمان مەيداندىكى نەتىجىسى ياخشى ئەمەس، ئۇلار بىرلەشمىدىكى يېقىنقى ئىككى قېتىملىق مېھمان مەيدان مۇسابىقىسىدە ئۇدا مەغلۇپ بولدى، ئۇلارنىڭ مۇداپىئەسى ياخشى بولمىغاچقا، يېقىنقى يەتتە مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئالتە مەيدانىدا توپ كەتكۈزدى، شۇڭا بۇ قېتىم مېھمان مەيداندا مادرىد ئاتلېتكىنى مەغلۇپ قىلىشى تەس.