بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەر 4:00تىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 4-ئايلانمىسىدا، خەلقئارا مىلان ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادرىد بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. خەلقئارا مىلان ھازىر ئۆز گۇرۇپپىسىدا تۆتىنچى ئورۇندا، خانلىق مادرىد بولسا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرماقتا. بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا، خانلىق مادرىد 3-2 نەتىجىدە غەلىبە قىلغان، ئۇنداقتا خانلىق مادرىد بۇ مەيدان مۇسابىقىدە داۋاملىق غەلىبە قىلالامدۇ؟
مۇسابىقە خاراكتىرى: ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 4-ئايلانمىسى
مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەر 4:00
مۇسابىقە ئورنى: مېئاززا توپ مەيدانى
خەلقئارا مىلاننىڭ ئەھۋالى:
خەلقئارا مىلاننىڭ ئومۇمىي ئىپادىسى خىلى تۇراقلىق، گەرچە بۇ پەسىل خانلىق مادرىد ۋە AC مىلانغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە 15 نومۇر بىلەن بەشىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىسدە، ئالدى بىلەن ئىككى توپ كەتكۈزگەن ئەھۋال ئاستىدا كەينى-كەينىدىن تۆت توپ كىرگۈزۈپ، 4-2 نەتىجىدە تۇرىننى مەغلۇپ قىلدى، شۇنداقلا ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبە قىلالماسلىق قەدىمىنى ئاخىرلاشتۇردى. لېكىن بۇ پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى نەتىجىسى ياخشى ئەمەس، چۈنكى ھازىرغىچە بولغان ئۈچ ئايلانما مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىپ باقمىدى، ھازىر ئىككى نومۇر بىلەن ئۆز گۇرۇپپىسىدا ئەڭ كەينىدە تۇرماقتا، ئەگەر بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلالمىسا، گۇرۇپپىدىن چىقىش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
خانلىق مادرىدنىڭ ئەھۋالى:
خانلىق مادرىدنىڭ بۇ پەسىلدىكى ئىپادىسى ناھايىتى تۇراقسىز، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە دەرىجە ئۆرلەپ چىققان كادىز كوماندىسى ۋە ۋالېنسىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويدى، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە بولسا دونستېك كان ئىشلىرى كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ، مونشېدگىلادباخ بىلەن تەڭلەشتى، كوماندىنىڭ مۇداپىئەسى ياخشى بولمىغاچقا ھازىرغىچە 10 توپ كەتكۈزدى، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە بولسا يەتتە توپ كەتكۈزدى. لېكىن بۇ پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە كۈچلۈك رەقىبى بارسېلونانى مەغلۇپ قىلدى، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە بولسا 3-2 نەتىجىدە خەلقئارا مىلاننى مەغلۇپ قىلىپ، ئۆز گۇرۇپپىسىدا ئۈچىنچى ئورۇنغا چىقتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىگە كوماندا كاپىتانى راموس ۋە كوماندىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى بېنزېما يارىلىنىش سەۋەبىدىن قاتنىشالمايدۇ، لېكىن كارۋاخال ۋە ۋارانې مۇسابىقىگە قاتنىشالايدۇ. ئىككى كوماندىنىڭ تارىخى ئۇچرىشىش ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا ئەزەلدىن خەلقئارا مىلاننى مەغلۇپ قىلىپ باقمىغان، شۇڭا بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك، ئەگەر بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولسىلا، گۇرۇپپىدىن چىقىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.