«پۇتبول شاھى» مارادونا جىددىي دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-04
來源:تېڭشۈن تورى

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، «پۇتبول شاھى» مارادونا دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان بولۇپ، يەنە تېخى ئوپېراتسىيە قىلىنىدىكەن. مارادونانىڭ دوستى ۋە ۋاستىچىسى بولغان ستېفانونىڭ بىلدۈرۈشىچە، مارادونانىڭ نېرۋا قاتتىق پەردىسى ئاستىدا قانلىق ئىششىق كۆرۈلگەن بولۇپ، نېرۋا ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق بۇ قان ئۇيمىسىنى ئېلىۋېتىشكە دۇچ كەلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، مارادونا ئەمدى نېرۋا ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرىدىكەن، ستېفانو يەنە: «بۇ ئۇ ئۇخلاش دورىسى ئىشلەتكەندىن كېيىن ئېڭىنى يوقىتىپ بېشىنى ئۈسسىۋالغانلىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، دوختۇر ماڭا بۇنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئوپېراتسىيە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئۇ بۈگۈن كەچتە ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ»، دېگەن.

«ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيانقى كەيپىياتى بىر قەدەر چۈشكۈن، يەنە كېلىپ روھسىزلىنىپ كەتتى ھەمدە قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى تۇرمۇش ئۇسۇلى بەدىنىنى ئېغىر سىناققا دۇچ قىلدى، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىمۇ ئۇنىڭ پىسخىكا ھالىتىگە تەسىر كۆرسەتتى، نەچچە ئاي ئۆيدىن چىقمىدى، ئۆيدە پەقەت بىر نەپەر ئاشپەز ۋە بىر نەپەر ياردەمچىسىلا بار، ئۇ يۇقۇم تارقالغاندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىدى.»

«بىز ئۇنىڭ بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن تېزراق ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»