مېسسى ئالاقە تورىدا مارادونانىڭ تېزراق ساقىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-04
來源:سىنا تورى

يېقىندا، «پۇتبول شاھى» مارادونا نېرۋا قاتتىق پەردىسى ئاستىدا قانلىق ئىششىق كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبلىك جىددىي دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى ھەمدە مېڭە ئوپېراتسىيەسى قىلدۇردى، ئارگېنتىنا تاراتقۇسى «TYC»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دوختۇرخانا تەرەپ ئوپىراتسىيەنى تاماملىغان بولۇپ، مارادونا كېيىنكى باسقۇچتا يەنە بىر قەدەم ئىچكىرلىگەن ئاساستا، ئەسلىگە كېلىشكە ئالاقىدار داۋالاشنى قوبۇل قىلىدىكەن.

بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان بارسېلونا كاپىتانى مېسسى، ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ مارادونا بىلەن بىرگە چۈشكەن سۈرىتىنى يوللاش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ تېزراق ساقىيىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2020110517532280126.jpg

مېسسى ئالاقە تورىدا سۈرەت بىلەن بىرگە يەنە مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قوشۇپ قويغان:

«دېگو، پۈتۈن دۇنيا سىزگە كۈچ بەرمەكتە، مەن ۋە ئائىلەمدىكى بارلىق ئەزالار سىزنىڭ تېزراق ئەسلىڭىزگە كېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز، سىزنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇرغۇپ چىققان مېھىر بىلەن قۇچاقلاپ قوياي.»

تاراتقۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دوختۇرخانا تەرەپ ئوپېراتسىيەنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.