كاسىللاس مارادوناغا ماتەم تۇتتى: پۇتبول تارىخىدىكى قايغۇلۇق بىر كۈن

ئەلكۈيى تورى
2020-11-26
來源:جىبوبا تورى

كۆپلىگەن تاراتقۇلار خەۋەر قىلىشقاندىن كېيىن، ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىمۇ مارادونانىڭ 60 ياشتا يۈرەك كېسىلى بىلەن قازا قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

ئىسپانىيەلىك داڭلىق چولپان كاسىللاسمۇ دەرھال يازما يوللاپ، ئۆزىنىڭ تەزىيەسىنى بىلدۈردى.

كاسىللاس: «بۇ پۇتبول تارىخىدىكى قايغۇلۇق بىر كۈن، مارادونا ئالەمدىن ئۆتتى، خاتىرجەم ياتقىن، تالانت ئىگىسى! (قاتتىق يىغلىغان چىراي ئىپادىسى)»