مارادونانىڭ ئۆلۈش سەۋەبى، ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن تىلەك تىلەۋاتاتتى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-26
來源:سىنا تورى

كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئارگېنتىنالىق پۇتبول شاھى مارادونا يۈرىكى تۇيۇقسىز توختاپ قېلىپ، بەختكە قارشى قازا قىلغان.

مارادونا بۇ يىل 10-ئاينىڭ 30-كۈنى 60 ياشقا كىرگەن، شۇنداقلا 11-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇيۇقسىزلا ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۆيىگە قايتىپ داۋاملىق داۋالانغان.

«ئولې گېزىتى»نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مارادونا مېڭە قاتتىق پەردىسى ئاستىنىڭ قانلىق ئىششىقىغا (باش سۆڭىكى ئىچىدە قان چىقىشنى كۆرسىتىدۇ) گىرىپتار بولغان بولۇپ، قانلار مېڭە قاتتىق پەردىسىنىڭ ئاستى بوشلۇقىغا يىغىلىپ قالغان، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىماردا بېشى ئاغرىش، ئىنكاس قايتۇرۇشى ئاستىلاش، بەدىنىنىڭ بىر قىسمى ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

مارادونا سەگەك ھالەتتە ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشقا ماقۇل بولغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇنىڭ بېشىنىڭ سول يېرىم قىسمى ئوپېراتسىيە قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتا دوختۇر مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ئوپېراتسىيە ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولدى، 80 مىنۇت داۋاملاشتى، پۈتۈن جەريانى ئىنتايىن نورمال، تاسادىپىيلىق ياكى مۇرەككەپ ئەھۋال كۆرۈلمىدى.»

مارادونا پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ھاراق ئىچىش، ھەتتا زەھەر چېكىشتەك ناچار تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرگەن، ئۇ ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم دوختۇرخانىغا كىرگەن بولۇپ، يۈرەك ۋە ئۆپكە قىسمىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن، ھەتتا بىر قېتىم كېسىلى ئېغىرلىشىشتەك خەۋپكە دۇچ كەلگەن.

مارادونانىڭ دوستىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئارگېنتىنادا يۇقۇم تارقالغاندىن كېيىن، مارادونا ئىزچىل ئۆيدە تۇرغان بولۇپ، ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەنمۇ ئاساسىي جەھەتتىن كۆرۈشمىگەن، بۇ ئۇنى ئىنتايىن يالغۇزسىراتقان. ئۇنىڭدىن باشقا، مارادونا بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقان قوغدىغۇچى يۇقۇملانغانلىقى سەۋەبلىك، مارادونا يەنە بىر مەزگىل ئايرىلىپ تۇرغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مارادونا تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەندە ئۆزىگە تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى كېرەك ئەمەسلىكىنى، بىردىنبىر ئارزۇسىنىڭ ئىنسانلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن: «مەن پەقەت سانسىزلىغان كىشىلەرگە ئازاب ئېلىپ كەلگەن بۇ يۇقۇمنىڭ بالدۇرراق يوقىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بولۇپمۇ ئاشۇ نامرات دۆلەتلەر ۋە نامرات ئائىلىلەردە، ئۇلار ئۆزىنىمۇ قوغدىيالمايدۇ.»

لېكىن، بىر ئەۋلاد پۇتبول شاھى مۇشۇ دەملەردە بىزدىن ئايرىلدى...