ئارگېنتىنا پۇتبول شاھى مارادونا چارشەنبە كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇ ئۆزى ئۇزۇن يىل توپ تەپكەن ناپولى كۇلۇبى ئورگان ئاكونتىدا يازما ئېلان قىلىپ، مارادوناغا تەزىيە بىلدۈردى.
ناپولى ئورگان ئاكونتىدا مۇنداق يازدى: مەڭگۈ (سۇس كۆك رەڭ يۈرەك)، خەير-خوش، دىيېگو.
مارادونا 1984-يىلدىن 1991-يىلغىچە ناپولى كۇلۇبىدا توپ تەپكەن. بۇ جەرياندا ئۇ كوماندا ئۈچۈن 259 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 115 توپ كىرگۈزۈپ، ناپولىنى 2 قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى، 1 قېتىم ئىتالىيە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، 1 قېتىم ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى ۋە 1 قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتۈرگەن.