كرىستىيانو رونالدو مارادوناغا تەزىيە بىلدۈردى: دۇنيا بىر مەڭگۈلۈك تالانت ئىگىسى بىلەن خوشلاشتى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-26
來源:جىبوبا تورى

شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئارگېنتىنا پۇتبول شاھى مارادونا ئالەمدىن ئۆتتى. رونالدو ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا يازما يوللاپ مارادوناغا تەزىيە بىلدۈردى.

«بۈگۈن مەن بىر دوستۇم بىلەن خوشلاشتىم، دۇنيا بىر مەڭگۈلۈك تالانت ئىگىسى بىلەن خوشلاشتى. ئۇ تارىختىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلارنىڭ بىرى. ئۇ بىر تەڭداشسىز سېھىرگەر. ئۇ بەك بالدۇرلا كېتىپ قالدى، ئەمما ئۇ چەكسىز مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى، ھەم مەڭگۈ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان بوشلۇقنى قالدۇرۇپ كەتتى. خاتىرجەم ياتقىن، رىۋايەت، سەن مەڭگۈ ئۇنتۇلمايسەن».