ئارگېنتىنا تاراتقۇسى: مارادونا ھوشسىز ھالەتتىن ۋاپات بولغانغا قەدەر 12 مىنۇت ئۆتكەن

ئەلكۈيى تورى
2020-11-26
來源:سىنا تورى

مارادونا شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتە (بېيجىڭ ۋاقتى 26-نويابىر سەھەردە) ئالەمدىن ئۆتتى. ئارگېنتىنا تاراتقۇسى TyC پۇتبول شاھىنىڭ تۈگەپ كېتىشتىن بۇرۇنقى ئەھۋالنى خەۋەر قىلدى.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، مارادونا چوڭ مېڭە قان تومۇر ئوپېراتسىيىسى قىلدۇردى. ئەينى ۋاقىتتىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئوپېراتسىيە ناھايتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولۇپ، مارادونا ئوپېراتسىيىدىن كېيىن بالنىتسىدىن چىقىپ ئۆيىدە ئارام ئالغان.

ئارگېنتىنا شۇ جاي ۋاقتى 25-نويابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 12 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، مارادونا ئۆز ئۆيىدە يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ھوشىدىن كەتكەن. يېقىن ئەتراپتىكى بىر دوختۇر دەرھال يېتىپ كېلىپ ئۇنى جىددىي قۇتقۇزغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالالمىغان. سائەت 13:02 دە، مارادونا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتكەن.