كلوپ مارادوناغا ماتەم تۇتتى: ئۇ ھەقىقىي ئۇلۇغ پۇتبولچى، خاتىرجەم ياتقىن دىيېگو!

ئەلكۈيى تورى
2020-11-26
來源:تېڭشۈن تورى

 ئارگېنتىنا پۇتبول رىۋايىتى مارادونا تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، 60 ياشتا ۋاپات بولدى. لىۋېرپول باش ترېنېرى كلوپ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مارادوناغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

لىۋېرپول ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئاتلانتا بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، كلوپ مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن BT Sport نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مەن 53 ياشقا كىردىم، مارادونا مېنىڭ بارلىق ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى. مەن ناھايتى كىچىك چېغىمدا تۇنجى قېتىم مارادونانى كۆرگەن، شۇ چاغدا سەككىز، توققۇز ياشلاردا ئىدىم، ئۇ چاغدا ئۇ ئاران ئون ئالتە، ئون يەتتە ياشلاردا ئىدى».

«مەن سىن خاتىرىسىدە ئۇنىڭ سىرلىق قول توپىنى كۆرگەن ۋاقتىمدىن باشلاپلا، ئۇ مەن ياخشى كۆرىدىغان توپچىغا ئايلانغان. خەلقئارالىق نۇقتىدىن قارىغاندا، بىزدە پېلې، مارادو ۋە مېسسى بار، بىر بىرازىلىيەلىك ۋە ئىككى ئارگېنتىنالىق».

«مەن تېخى يېقىندا مارادونانىڭ ھۆججەتلىك فىلىمىنى كۆردۈم، ئۇ سېھرىي كۈچكە تولغان ئادەم. مارادونا كەسپىي ھاياتىدا بەزى كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈردى. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سېغىنىمەن، ئۇ بىر ھەقىقىي ئۇلۇغ پۇتبولچى. خاتىرجەم ياتقىن، دىيېگو مارادونا».