رونالدىنھو مارادوناغا ماتەم تۇتتى: خاتىرجەم ياتقىن قەھرىمان، سەن سېھىرگەرلەر ئىچىدىكى سېھىرگەر

ئەلكۈيى تورى
2020-11-26
來源:تېڭشۈن تورى

مارادونا چارشەنبە كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى، بىرازىلىيلىك رىۋايەتلىك پۇتبول چولپىنى رونالدىنھو ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئاكونتىدا مارادوناغا ماتەم تۇتتى.

رونالدىنھو مۇنداق دەپ يازدى: مەن بۇ تالانت ئىگىسىنى سۆيىدىغان بارلىق كىشىلەر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن قايغۇرماقتىمەن، دوستۇم، مېنىڭ 10-نومۇرلۇق قەھرىمانىم، سېنىڭ ماڭا قىلغان ھەمراھلىقىڭغا رەھمەت، مەيلى توپ مەيدانىدا بولسۇن، ياكى ئادەتتىكى بىر ۋاق كەچلىك تاماقتا بولسۇن.

«بىزنىڭ دىئالوگىمىز ھەمىشە ئىنتايىن ئالاھىدە، مەن بىز بىللە بولغان ھەر بىر دەقىقىمىزدىن مىننەتدار، شۇنداقلا توپ مەيدانىدا بىللە بولغان ھەر بىر دەقىقىمىزدىن خۇشالمەن، مەن توپ مەيدانىدا ساڭا چەكسىز چوقۇناتتىم، ھەم سېنىڭ قالتىسلىقىڭغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرەتتىم».

«مەن كەسپىي ھاياتىمدا نۇرغۇن ئىلھامغا ئېرىشتىم، مەن سەن بىلەن تونۇشقان چاغدا مەن تېخى بەش كىشىلىك پۇتبول تېپەتتىم. ئۇ كېچە ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل كېچىلەرنىڭ بىرى، مەن ئۆزۈم چوقۇنىدىغان توپچىلار بىلەن توپ تەپتىم».

«خاتىرجەم ياتقىن قەھرىمانىم، مەن سېنى سۆيىمەن، سەن سېھىرگەرلەر ئىچىدىكى سېھىرگەر!»