گۇاردىئولا: مارادونا پۇتبولنىڭ جەلىپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇردى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن چوڭقۇر ھال سو

ئەلكۈيى تورى
2020-11-26
來源:تېڭشۈن تورى

 مانچېستېر شەھىرى 0:1 نەتىجىدە ئولىمپىياكوسنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مانچېستېر شەھىرىنىڭ باش ترېنېرى گۇاردىئولا مارادونانىڭ ۋاپاتى ھەققىدە سۆز قىلدى، ھەمدە دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى بۇ رىۋايەتكە ھۆرمەت بىلدۈردى.

«بىر يىل ئىلگىرى، مەن ئارگېنتىنادا مۇنداق بىر لوزۇنكىنى كۆردۈم، ئۈستىگە دىيېگو، ھاياتىڭدا ئۆزۈڭگە نېمە قىلغان بولۇشۇڭ مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى سېنىڭ بىزنىڭ خەلق ئۈچۈن نېمە ئىش قىلغانلىقىڭ، دەپ يېزىلغان ئىدى. ئۇ بىزگە نۇرغۇن خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى، ئۇ پۇتبولنىڭ جەلىپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇردى».

«ئۇنىڭ 1986-يىلى ناپولى ۋە ئارگېنتىنا ئۈچۈن قىلغانلىرىغا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. خاتىرجەم ياتقىن، مەن مانچېستېر شەھىرىگە ۋاكالىتەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن چوڭقۇر ھال سورايمەن».

«مەن بالا ۋاقتىمدا، دادام ئىككىمىز مارادونانىڭ بارسېلونادىكى مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى بارغان ئىدۇق، بۇ بىر قالتىس كەچۈرمىش. بىراق بەختكە قارشى، شۇ قېتىم ئۇ ئېغىر يارىلاندى».

«مەن بارسېلونا ياشلار ئاكادېمىيىسىگە كەلگىنىمدە، ئۇ ئاللىبۇرۇن ناپولىغا كۆچۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ پۇتبول دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە ئۇ يەتكۈزگەن مۇھەببەت ۋە خۇشاللىق.... گەرچە مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە تۇرۇپ باقمىغان بولساممۇ، ھەممە ئادەم ماڭا ئۇنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە پۇتبولنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ گۈزەل نەرسىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى سۆزلەپ بېرەتتى».

«ئۇ پۇتبول مەيدانىدىكى تەڭداشسىز توپچى، بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى بىردىنبىر پۇتبول شاھى، بۇ ھەقىقەتەن قايغۇلۇق خەۋەر».