بىر ئەۋلاد پۇتبول شاھى، ئارگېنتىنالىق پۇتبول چولپىنى مارادونا بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەردە ئالەمدىن ئۆتتى. ئىبراھىموۋىچ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا مارادونا ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.
ئىبراھىموۋىچ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئاكونتىغا مۇنداق دەپ يازدى: «مارادونا بىزدىن ئايرىلمىدى، ئۇنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. مارادونا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تالانتلىق پۇتبولچى، ئۇ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات».