ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ C گۇرۇپپىدىكى 4-ئايلانما مۇسابىقىدە، مارسېل 2:0 نەتىجىدە پورتوغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. مۇسابىقىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مارسېل باش ترېنېرى بوئاس دىيېگو مارادونانىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ 10-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىملىرىنىڭ مەڭگۈلۈك چېكىندۈرۈلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بوئاس: «بۇ ئىنتايىن يامان خەۋەر، چۈنكى پورتومۇ مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر مۇدىرىيەت ئەزاسىدىن ئايرىلدى، ئۇ مەن ئۈچۈن تۇنجى بولۇپ ترېنېرلىق دۇنياسىنىڭ ئىشىكنى ئاچقان كىشى».
«مارادونانىڭ ۋاپاتى كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ، مەن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بارلىق مۇسابىقىلەردە بارلىق كوماندىلارنىڭ 10-نومۇرلۇق كىيىمىنى مەڭگۈلۈك چېكىندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئەڭ چوڭ ھۆرمىتىمىز بولۇپ قالىدۇ. پۇتبول دۇنياسىغا نىسبەتەن، مارادونانىڭ ئۆلۈمى بىر زور يوقىتىش».
بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مارادونا تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش سەۋەبىدىن 60 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.