سىمونې: مارادونا بىزنىڭ پۇتبول ھاياتىمىزدىكى يولباشچىمىز، ئۇ پۇتبولغا ۋەكىللىك قىلىدۇ!

ئەلكۈيى تورى
2020-11-26
來源:جىبوبا تورى

 بىر ئەۋلاد پۇتبول شاھى مارادونا چارشەنبە كۈنى بۇئېنۇس ئايرېستا ۋاپات بولدى، مادرىد ئاتلېتىكا باش ترېنېرى سىمونې ئارگېنتىنالىق قېرىندىشى مارادوناغا ھۆرمەت بىلدۈردى.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا، سىمونې بىلەن مارادونا سېۋىللا ۋە ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىدا بىللە توپ تەپكەن. مارادونادىن ئون ياش كىچىك سىمونې شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ قىرانلىق يېشىدا ئىدى. ئۇ چاغدىكى سىمونې ئۆزى ئەڭ چوقۇنىدىغان پۇتبولچى بىلەن بىللە توپ تېپىش ئارزۇسىغا يەتكەن ئىدى.

مادرىد ئاتلېتكا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە موسكۋا پاراۋۇزى بىلەن 0:0 نەتىجىدە تەڭلەشكەندىن كېيىن، سىمونې مۇنداق دېدى: «بىر رىۋايەت بىزدىن ئايرىلدى».

بۇ مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن، سىمونې مارادونانىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ ناھايتى روھسىزلاندى. توپچى مەزگىلىدە، ئۇلار ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىدا يەتتە يىل سەپداش بولغان.

سىمونې مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر سەككىز، توققۇز ياش ۋاقتىمىزدا دىيېگونىڭ توپ تەپكىنىنى كۆرەتتۇق، ئۇ بىزنىڭ پۇتبولنى چۈشىنىشتىكى يېتەكچىمىز، مارادونا پۇتبولغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەن ياش ۋاقتىمدا ئۇ سېۋىللادا ماڭا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ يەنە ماڭا ئارگېنتىنا ئۈچۈن توپ تېپىشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ بەرگەن، مەيلى ئىلگىرى بولسۇن ياكى ھازىر بولسۇن، ئۇ ئوخشاشلا ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى».

سىمونې سېۋىللادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىككى قېتىم مادرىد ئاتلېتكىغا قوشۇلغان، 2012-يىلى مادرىد ئاتلېتكىغا قايتىپ ترېنېر بولغان. ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئىزچىل مادرىدتا تۇرىۋاتىدۇ. مارادونانىڭ ئىسپانىيەدە ئۈچ مۇھىم دەۋرى بار، ئۇ 1982-يىلى ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، ئاندىن بارسېلونادا ئىككى يىل توپ تەپكەن، سېۋىللادىمۇ بىر يىل توپ تەپكەن. ئىتالىيەنىڭ ناپولى كۇلۇبىدا مارادونا كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن.