داڭلىق چۈشەندۈرگۈچى مارادونا ھەققىدەرونالدونى خاتا ئەيىبلەپ قويدى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-26
來源:تېڭشۈن تورى

مارادونا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، كرىستىيانو رونالدو تەزىيە بىلدۈردى. لېكىن داڭلىق تەنتەربىيە چۈشەندۈرگۈچىسى خۇاڭ جيەنشياڭ كرىستىيانو رونالدونىڭ سۆز ئىشلىتىشىدىن نارازى بولدى، مىكرو بىلوگدا «خاتالىقنى تۈزىتىش» ئېلىپ باردى.

خۇاڭ جيەنشياڭ: «قەدىرلىك كىرىستىيانو رونالدو، ‹... نىڭ بىرى› دېگەن سۆزنى ئېلىۋېتىڭ. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ قالتىس ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىدۇ. ئەمما شۇ تاپتا، باشقىلار يوق، يوق، پەقەت بىرلا. بۇ دۇنيادا پەقەت بىرلا ئادەمنىڭ ‹... نىڭ بىرى› دېيىشكە سالاھىيىتى بار، لېكىن ئۇ ئادەم بۇ يىل 80 ياشقا كىردى، ئىسمى پېلې. باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشنى ياخشى كۆرۈشنى توپ تېپىشكە قارىتىڭ، مەن داۋاملىق سىزنى قوللايمەن. باش تېرىنىرىڭىزنىڭ مارادوناغا تەزىيە بىلدۈرگەندىكى ھېسسىياتى ۋە ۋەزىيىتىگە قاراپ بېقىڭ، سىز ئازراق چوڭ بولسىڭىز قانداق، ئەمدى ئۈچ ياشلىق بالىدەك قىلىق قىلماڭ ؟ ».

خۇاڭ جيەنشياڭنىڭ بۇ باھاسى نۇرغۇن توپ مەستانىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى، ئۇلار خۇاڭ جيەنشياڭنى پىسخىكىسى ناچار، «بۇ سۆزنى تىلغا ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق» دەپ قارىدى.

كېيىن خۇاڭ جيەنشياڭ بۇ ئىشتىن كەچۈرۈم سورىدى: «ئىنتايىن خىجىلمەن، ئەسلىي تېكىستنى تەكشۈرۈپ، رونالدونى خاتا ئەيىبلىگەنلىكىنى بايقىدىم. ئەسلى تېكىستتە ‹بىرى› ئېنىقلىغۇچى بولۇپ، نامۇۋاپىق يېرى يوق».