مارادونانىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنى: ناشتا قىلغان، مېڭىپ سەيلە قىلغان...

ئەلكۈيى تورى
2020-11-26
來源:تېڭشۈن تورى

دۇنيا پۇتبولچىلىقىدىكى رىۋايەتلىك چولپان، بىر ئەۋلاد «پۇتبول شاھى» مارادونا بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى (شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتە) يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ 60 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئارگېنتىنا تاراتقۇلىرى مارادونانىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنىدىكى پائالىيەتلىرىنى تىزىپ چىققان بولۇپ، تەپسىلىي ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى مارادونا ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا سەھەر تۇرغان ۋە ناشتا قىلغان، كېيىن ئۇ قىسقا ۋاقىت پىيادە مېڭىپ سەيلە قىلغان. بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئۇ يېتىپ ئاۋالقىدەك ئارام ئېلىش ئارقىلىق بەدەن قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئەسلىدە مارادونا ھەر كۈنى چۈشتە دورا يەيدىغان بولۇپ، لېكىن بۇ قېتىم ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى، ئۇنىڭغا قاراۋاتقان سېستىرا بۇ قېتىم ئۇنى چاقىرىپ ئويغۇتالمىدى، مارادونا ئاللىقاچان ھوشىدىن كەتكەن بولۇپ، سېستىرا دەرھال قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىردى، جەمئىي توققۇز قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ناھايىتى تېز يىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن مارادونا ئاللىقاچان بىزدىن ئايرىلدى...