بىر ئەۋلاد «پۇتبول شاھى» مارادونا بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ 60 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئارگېنتىنا تاراتقۇسى «مۆڭگۈز گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە،مارادونانىڭ دەسلەپكى جەسەت تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان.
«San Fernando» دوختۇرخانىسى شۇ يەر ۋاقتى كەچ 7:30دىن 10غىچە مارادونانىڭ جەسىتىنى تەكشۈرگەن، نەتىجىدە مارادونانىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بىمارلىرى ئىكەنلىكى، شۇڭا يۈرىكى زەئىپلىشىپ كەتكەن، ھەمدە ئۆتكۈر ئۆپكە ئىششىقى جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن بىلەن ۋاپات بولغانلىقى ئاشكارىلانغان.