بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ 10 دەرىجىسى، سىز قايسى دەرىجىدە؟

爱酷艺
2020-11-26
來源:腾讯

1ـ دەرىجە: بويۇن تېلىپ ئاغرىش، قېتىشىش (بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ تورۇسقا قارىغاندا، بويۇننىڭ كەينىدە سېزىم بارمۇ ـ يوق؟ )

2ـ دەرىجە: بويۇن، مۈرە، دۈمبە تېلىپ ئاغرىش، قېتىشىش، چىرايى خۇنۈكلىشىش.

3ـ دەرىجە: ھارغىنلىق ھېس قىلىش، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاش، ئاسان رېئاكسىيە قىلىدىغان، ئاسان ئىز قالىدىغان، داغ پەيدا بولىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈش.

4ـ دەرىجە: بىلەك ئاغرىش، ئۇيۇشۇش. (بۇ دەرىجىدىن باشلاپ ئاساسەن دوختۇرخانىغا بېرىشقا توغرا كېلىدۇ)

5ـ دەرىجە: تېرە رەڭگى تەكشى بولماسلىق، تېرە بوشىشىپ ئەمەلىي يېشى بىلەن ماس كەلمەسلىك.

6ـ دەرىجە: ئۇخلىغاندا دائىم بويۇنغا يەل تۇرۇپ قېلىش (بويۇنغا يەل تۇرۇپ قېلىش بىر خىل يېنىك تىپتىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى)

7ـ دەرىجە: يول ماڭغاندا قېيىپ كېتىش، خەتنى تۈز يازالماسلىق. (بۇ دەرىجىدىن باشلاپ ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ)

8ـ دەرىجە: يول ماڭغاندا پۇتلىرى ئېغىرلىشىش.

9ـ دەرىجە: كىچىك تەرەت، چوڭ تەرەت، جىنسىي ئىقتىداردا مەسىلە كۆرۈلۈش.(بۇ دەرىجىدىن باشلاپ ئوپېراتسىيە قىلسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ)

10ـ دەرىجە: كارىۋاتتىن چۈشەلمەسلىك (بۇ دەرىجىدىن باشلاپ ئوپېراتسىيە قىلىشنىڭ خەتىرى چوڭ بولۇشى مۇمكىن)

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە سەل قارىماڭ!

بويۇننىڭ كەينىدىكى فېڭچى پەللىسى، فېڭفۇ پەللىسى، داجۇ پەللىسى قاتارلىق پەللىلەر كۈتۈنۈش، ساقلىقنى ساقلاشتىكى مۇھىم نۇقتا.شۇڭا بويۇننىڭ ساغلام، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش ھەرگىزمۇ مۇبالىغە قىلىنغان سۆز ئەمەس.

بويۇن شۇنچە مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى نازۇك، تۈرلۈك كېسەللىكلەر تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدىغان «ئېغىر ئاپەت رايونى» بولۇپ، كېسەل ئالدى بىلەن بويۇن ئومۇرتقىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ.

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى نىقابلىنىشقا ئىنتايىن ماھىر. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە بويۇن ئاغرىش ھەتتا باش قېيىش، پۇت ـ قول ئۇيۇشۇش، ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىدىكەن.بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىدە قارىماققا ئۆزى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقتەك كۆرۈنىدىغان باشقا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى خاتا ھالدا يۈرەك كېسىلى دەپ ئۈچ يىل داۋالانغانلىق توغرىسىدىكى خەۋەر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۈچ يىل ئىلگىرى ، مەلۇم خانىم دائىم مەيدىسى چىڭقىلىپ، يۈرىكى سېلىپ، نەپىسى قىسىلغاندەك ھېس قىلىپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆپ قېتىم تەكشۈرتكەن بولسىمۇ، يۈرىكىدە ئانچە چوڭ نورمالسىزلىق بايقالمىغان، دورا يېسىمۇ ياخشىلانمىغان. كېيىن ئۇ بىر دوستىنىڭ بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزىنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال سۆڭەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنى تېپىپ تەكشۈرتكەندەئۇنىڭغا ئېغىر بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دەپ دىياگنوز قويۇلغان.

ئەسلىدە بويۇن ئومۇرتقىسى بىلەن ئۈستۈنكى كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ كىچىك بوغۇملىرى ئالمىشىپ قالغاندا، سىمپاتىك نېرۋا ۋە پاراسىمپاتىك نېرۋىنى بېسىۋېلىپ، يۈرەكنى ئىدارە قىلىدىغان نېرۋىغا تەسىر كۆرسىتىپ، يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك رىتىمى نورمالسىزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى ئىپادىلەيدۇ.

ئۇنداقتا يۈرەك كېسىلىدىن باشقا، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ يەنە قانداق ئويلاپ باقمىغان ئىپادىلىنىشى بار؟

يۇقىرى قان بېسىم، كۆكسى ئاغرىش، ئاشقازان ياللۇغى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئادەم بەدىنىگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر، ھەتتا ئادەم ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ!

تۆۋەندىكىلەر بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر:

1. سەكتە

جۇڭگو تېببىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنىڭ بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بار ئىكەن، قورقۇنچلۇقى شۇكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا دىققەت قىلمايدىكەن، سەكتە بولغاندىن كېيىن بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ مېڭە نېرۋىسىنىڭ بېسىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايقىغان.

2. تۇيۇقسىز يىقىلىش

ئاساسلىقى ئومۇرتقا ئارتېرىيەسىنىڭ بېسىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بويۇن ئومۇرتقىسى ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكتىن، نۇرغۇن بىمارلارغا نېرۋا خاراكتېرلىك باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش دەپ خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ، ئۇزاق ۋاقىت توغرا داۋالىمىغاندا بىمارلاردا مېڭىگە قان چۈشۈش ۋە تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

3. مېڭە تىقىلمىسى، مېڭە يىگلەش

نۇرغۇن بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بىمارلىرىدىكى ئومۇرتقا ئارتېرىيەسى تارتىشىپ قېلىش، توسۇلۇپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار سەۋەبىدىن مېڭە تىقىلمىسى، مېڭە يىگلەش قاتارلىق كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.

4. پالەچ بولۇپ قېلىش

نۇرغۇن بىمارلار بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە ئەھمىيەت بەرمەي، ۋاقتىدا داۋالىنىشقا سەل قارايدۇ، بويۇن ئومۇرتقىسىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۇلۇن، نېرۋا قاتارلىقلارنىڭ غىدىقلىنىشى ۋە بېسىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،ناھايىتى ئاسانلا بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپ يۇقىرى مۈچە پالەچ بولۇپ قېلىش ياكى چوڭ ـ كىچىك تەرەتنى تۇتالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. دائىملىق قۇلاق غوڭۇلداش ھەتتا گاس بولۇپ قېلىش

ئومۇرتقا بېسىمغا ئۇچرىغانلىقتىن، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ سىمپاتىك نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرى زىيانغا ئۇچراپ، قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاخىرىدا دائىملىق قۇلاق غوڭۇلداش، ھەتتا گاس بولۇپ قېلىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. نېرۋا خاراكتېرلىك ئاشقازان ـ ئۈچەي ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش

نۇرغۇن كىشىلەردە ئاشقازان يارىسى بار بولۇپ، ئۇزاق داۋالانسىمۇ ساقايمايدۇ ياكى قايتا قوزغىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ھادىسە بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئومۇرتقا ئارتېرىيەسى توسۇلۇپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان نېرۋا، ئاشقازان ـ ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

7. يۈز مۇسكۇلى يىگلەش، يۈز قىسىمى پالەچلىنىش

ئومۇرتقا ئارتېرىيەسى تارتىشىپ قېلىش، توسۇلۇپ قېلىش يەنە يۈز مۇسكۇلى يىگلەش، يۈز قىسىمى پالەچلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

8. ئۇيقۇسىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىق

كىلىنىكىلىق كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، نېرۋىسى ئاجىزلاپ كەتكەن بىمارلارنىڭ 70% تىن كۆپرەكىدە بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بارلىقى ئېنىقلانغان، لېكىن نۇرغۇن دوختۇرلار ئالدىنقى باسقۇچلۇق داۋالاشتا بۇنى ئېنىق بىلەلمەيدۇ. ئۇيقۇسىزلىقنىلا داۋالاپ، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، ئاخىرىدا ئېغىر خامۇشلۇق كېسىلى ياكى روھىي نورمالسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

9. مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن، كېسەللىك تەرەققىي قىلىپ ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ،كېسەللىك ئۆزگىرىشى كېلىپ چىقىپ، قان تومۇر توسۇلۇپ، قان بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماي، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقىرىقى توققۇز خىل ئەھۋال بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى، يەنە نۇرغۇن كېسەللىكلەرمۇ بويۇن ئومۇرتقىسى مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان، شۇڭا بويۇن ئومۇرتقىسى مەسىلىسى ھەل قىلىنغاندىن كېيىن، كېسەللىك تەبىئىيلا يوقاپ كېتىدۇ.