ئۇنى قۇتقۇزۇۋېلىڭ! بىر زىراپىنىڭ ھاياتى سانسىزلىغان تورداشلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالماقتا...

爱酷艺网
2020-11-26
來源:今日头条


ئۇنى قۇتقۇزۇۋېلىڭ! بىر زىراپىنىڭ ھاياتى سانسىزلىغان تورداشلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالماقتا...


يېقىندا، بىر زىراپىنىڭ ھاياتى سانسىزلىغان تورداشلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.



شۇنداق، سىز خاتا كۆرمىدىڭىز، بۇ رەسىم PS ئەمەس.


بۇ زىراپە بىلەن ئادەتتىكى زىراپە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئاقلىقى بىلەن نام چىقارغان بولۇپ، ئەمدىلا قۇرامىغا يەتكەنىدى.

نەچچە ئاي ئىلگىرى ئۇ ئاپىسى، ئىنىسى بىلەن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەتتى، لېكىن ھازىر پۈتۈن يەر شارىدا ئۇنىڭ پەقەت بىر ئاق زىراپىلا قالدى.



ئۇنىڭ ھېكايىسىنى 2017-يىلىدىن باشلاپ سۆزلەش كېرەك.

2017- يىلى 6- ئايدا، كېنىيەدىن كىشىنى چەكسىز ھاياجانغا سالىدىغان بىر خەۋەر كەلدى:

ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ جايدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش جەمئىيىتى ئورمانلىقتا بىر جۈپ زىراپىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى ئاپئاق ئىكەن!

يۇقىرىدا تىلغا ئالغان زىراپە ئانىسى بىلەن ئۇ.

بۇ كۆرۈنۈشنى سىز تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، سېھىرلىك دۇنياغا ئوخشامدۇ قانداق؟

ئەسلىدە، بالىلار چۆچىكى دۇنياسىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان زىراپە راستتىنلا رېئال دۇنيادا ياشايدىكەن.

بۇ سىرلىق خەۋەر ناھايىتى تېزلا شۇ جايدىكى ئاھالىلەر چەمبىرىكىدە تارقىلىپ كەتتى، ئۇلار ئاق رەڭلىك زىراپىنىڭ ئامەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇ زىراپە ئانا-بالىنى تەبىئىي قوغدىغۇچى دەپ قارىدى.

ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى، ھېلىقى كۆرگۈچى دەل ۋاقتىدا سۈرەت ۋە سىن كۆرۈنۈشىنى تارتمىغاچقا، بۇ ئىش ئىزچىل دەلىللەنمىگەن ئىدى .


2017-يىلى 9-ئايدا ، كېنىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ياۋايى ھايۋان باققۇچىلار چارلاۋاتقاندا،

راستتىنلا بۇ بىر جۈپ ئاق رەڭلىك زىراپە ئانا-بالىنى كۆرىدۇ ! ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا بۇ ئاز ئۇچرايدىغان كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىۋالدى:

ۋىدېئو كۆرۈنۈشىدە، ئاق رەڭلىك زىراپە ئانا-بالا سىپايىلىك بىلەن مېڭىپ يۈرەتتى، ئۇلار قارىماققا ئەركىن-ئازادە كۆرۈنەتتى، شۇ يەردىكى ھەممە نەرسە بىلەن شۇنداق تەبىئىي ماسلاشقان.

سىن كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئالغان ھايۋانات باققۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ناھايىتى يېقىن بولۇپ، ناھايىتى سوغۇققان ئىكەن، خۇددى بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىز تۈپەيلىدىن كاشىلىغا ئۇچرىمىغاندەك قىلىدۇ. » دېدى.

شۇنىڭدىن باشلاپ، پۈتۈن بەدىنى ئاپئاق بولغان بۇ بىر جۈپ زىراپە ئانا-بالا ھەقىقىي تۈردە كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىگە بۆسۈپ كىرگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ ئىككى زىراپىنىڭ غەيرىي رەڭگى ئاقىرىش گېنى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئىرسىيەت سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

نوقۇل قارا پىگمېنت كەمچىل بولۇشتەك ئاقىرىش كېسىلىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئاقىرىش گېنى تېرىدىكى ھەر خىل پىگمېنتلارنىڭ چۆكۈشىنى توسۇپ، تېرىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە رەڭگى ئالاھىدە بولغاندىن سىرت، ئۇلارنىڭ باشقا ئەزالىرى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ، تېنى ناھايىتى ساغلام.

ئاق رەڭلىك زىراپىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر بارلىق كىشىلەرنى ھاياجانغا سالدى، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت دەرھال ئاق رەڭلىك زىراپىنى قوغداش رايونى قۇردى

گەرچە ئاق رەڭلىك زىراپە رايونىنىڭ خىلۋەت ھەم قاقاس ئىكەنلىكىنى بايقىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا بۇ يەرنى چارلاش ۋە قوغداش سالمىقىنى ئاشۇردى.


قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە، كۆپچىلىكنىڭ قوغدىشى ئاستىدا، خۇش خەۋەرمۇ تارقالدى، ئاق رەڭلىك زىراپە ئائىلىسىدە بىر بوۋاق كۆپەيدى!

پۈتۈن دۇنيادىكى ئاق رەڭلىك زىراپىنىڭ سانى ئىككىدىن ئۈچكە ئۆزگەرگەن: زىراپە ئانا، ئۇ، يەنە بىر بوۋاق.

ئەسلىدە ئۇلار شۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ دەپ ئويلىغان.

ئەمما، ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى، ئۇلار ئاخىرى بەختسىزلىكتىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى.

2019 ـ يىلىنىڭ ئاخىرى، كېنىيەدە قارا يامغۇر يېغىپ، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن كېنىيەنىڭ تۆت ئەتراپىغا سۇ يىغىلىپ قالدى، ئاق رەڭلىك زىراپىمۇ ئىلگىرىكى قوغداش رايونىدا كۆپ كۆرۈلمەيدىغان بولدى.... ئۈچ ئاق رەڭلىك زىراپە مۇشۇنداق ئۈزۈل ـ كېسىل ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى...

ئارقىدىنلا.... شۇم خەۋەر يېتىپ كەلدى........................

2020- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئىككى ئاق زىراپىنىڭ پاجىئەلىك ھالدا قانۇنسىز ئوۋلانغانلىقى ئىسپاتلاندى! ! !

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۇزۇن مۇددەت ھايات قالغان زىراپە ئانا، يەنە بىرى دەل تۇغۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان زىراپە بوۋىقى.

جەسەت سۆڭەكلىرى بايقالغاندا، ئىككى ئاق زىراپىنىڭ ئىسكىلىتى قالغان.

شۇ جايدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى باققۇچىلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ ئىككى ئاق زىراپىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغىنىغا تۆت ئايدىن ئاشقان.

زىراپە ئانا ئىنسانلار تەرىپىدىن بايقالغاندىن تارتىپ ئۆلگۈچە بولغان قىسقىغىنە ئۈچ يىل ۋاقىت..... ئۇنىڭ زىراپە بالىسى ئۆلگەندە ئاران يەتتە ئايلىق بولغان....

شۇنچە چىرايلىق ئاق رەڭلىك زىراپىنى ئۆلتۈرۈشكە قانداقمۇ كۆڭلى ئۇنىغاندۇ...

ئەمەلىيەتتە، پەقەت ئاق رەڭلىك زىراپىلا ئەمەس، بۇ بىرقانچە يىلدا زىراپىنىڭ سانىمۇ« ئاۋازسىز يوقىلىش» نى باشتىن كەچۈرمەكتە.

2016-يىلى، خەلقئارا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى (IUCN) نىڭ كۆرسىتىشىچە، 1985-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ياۋا زىراپىنىڭ سانى 160 مىڭدىن 90 مىڭغا چۈشۈپ، نەق يېرىمغا يېقىن ئازايغان.

شۇنداق بولۇپلا قالماستىن، قىسقىغىنا سەككىز يىلدا زىراپىنىڭ قوغداش دەرىجىسى بىۋاسىتە ھالدا« خەۋپسىز» دىن« خەتەرلىك» قا ئۆزگەردى.

مۈڭگۈز يوق ھەم ئۆتكۈر تىرناقمۇ يوق، ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان، زىراپىدەك مۇشۇنداق مۇلايىم، زىيانسىز تۈرمۇ ئوغرىلىقچە ئوۋلىغۇچىنىڭ نەزىرىدىكى ئولجىغا ئايلىنىپ قالغان.

بەزى ھايۋانات قاراڭغۇ بازارلىرىدا زىراپىنىڭ مەھسۇلاتلىرى خېلى قارشى ئېلىنىدۇ.

زىراپە گۆشى

زىراپىنىڭ قۇيرۇقى

زېراپە تېرىسى ...

پۈتۈن بەدىنى ئاپئاق زىراپە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، ئۇلار سىرلىق ھەم ئېسىل بولۇپ، يەرلىك كىشىلەر تەرىپىدىن« ئىلاھىي ھايۋان» دەپ قارىلىدۇ. بەزى« ئاجايىپ-غارايىپ» سېتىۋالغۇچىلار ھەمىشە بۇلارغا قىزىقىدۇ، قانچە ئاز ئۇچرىغانسېرى، ئىگىلىۋالغۇسى كېلىدۇ.

11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، بىردىنبىر ئاق رەڭلىك زىراپىنى قوغداش ئۈچۈن   يەنى تۇنجى قېتىم تىلغا ئالغان ھېلىقى زىراپىنى، مۇھاپىزەت رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئۇنىڭغا GPS ئىز قوغلاش ئەسۋابى تاقاپ قويدى.

بۇ ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسى بۇ زىراپىنىڭ ئورنىنى ھەر ۋاقىت بىلىپ تۇرىدۇ، بۇ قېتىم ئۇلار بۇ زېراپىنى   قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقاردى.

ئەمما بۇ ئەمدىلا قۇرامىغا يەتكەن ئوغۇرلۇقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلار ئۈستىدىن غالىپ كېلەلەمدۇ-يوق، قوغداش رايونىنى باشقۇرغۇچىلار ئۇنىڭ بۇغىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەلتۈكۈس قوغدىيالامدۇ يوق بىلمىدىم.

شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇ ھەقىقەتەن يەر شارىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئاق زىراپە.


رەسىم


ھايۋانلارنى قوغداش دېگەن بۇ سۆز ھەر بىر ئادەم كىچىكىدىن تارتىپلا بىلىدىغان قائىدە، ئەمما ھەر يىلى مۇشۇنداق ئىشلار توختىماي يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ 1/8 قىسمى، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ 1/4 قىسمى، قۇشلارنىڭ 1/9 قىسمى، يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارنىڭ 1/5 قىسمى، قوش ماكانلىق ھايۋانلارنىڭ 1/4 قىسمى، بېلىقلارنىڭ 1/3 قىسمى نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

ئەجەبا، بىز بۇ دۇنيادا پەقەت ئىنسانلارلا قالغان ئاشۇ كۈننى ساقلىغاندىلا، ئاندىن ھايۋانلارنى قوغداشنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى قوغدىغانلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالامدۇق؟

ھەي ...بەلكىم   مۇشۇ ئاق رەڭلىك زىراپە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدە بولۇپ قالسا ئىشىنىمەنكى ھەرگىزمۇ بۇنچە ئېچىنىشلىق ھالەتكە قالمىغان بولاتتى سىلەرچىچۇ ؟