فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ، ئارگېنتىنا رادىئو ئىستانىسسىدىن ئىگىلىگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پۇتبول شاھى مارادونانىڭ جەسىتى، ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە ئېلىپ كېتىلگەن.
بىر ئەۋلاد «پۇتبول شاھى» مارادونا بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ 60 يېشىدا ۋاپات بولدى، پۈتۈن دۇنيادىكى غوللۇق تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسى مارادوناغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە تولۇپ كەتتى، ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئارگېنتىنا دۆلەت ئىچىدە مارادونا ئۈچۈن ئۈچ كۈن ماتەم تۇتۇلىدىكەن، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مارادونانىڭ جەسىتى پرېزىدېنت سارىيى ئالدىغا توختىتىلغان بولۇپ، كەڭ جامائەتچىلىك مارادوناغا ماتەم تۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىدىكەن. ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى مارادونا ئۈچۈن مەخسۇس دۆلەت دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىكەن.
مارادونا پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ زور تەسىرگە ئىگە چولپانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ كەسپىي ھاياتىدا يېشىل چىملىقتا ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى نامايان قىلغان بولسا، كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا مەستانىلەر تەرىپىدىن پۇتبول شاھى ئاتىلىپ، چەكسىز ھۆرمەتكە ئېرىشىپ كەلگەن، خۇددى باشقا داڭلىق پۇتبول چولپانلىرىنىڭ ئېيتقىنىغا ئوخشاش، ئۇنىڭ ۋاپاتى، پۇتبول ساھەسىگە نىسبەتەن چوڭ يوقۇتۇش ھېسابلىنىدۇ.