بۇ قىلمىشلارمۇ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش بولۇپ، بىۋاسىتە 12 نومۇر تۇتۇلىدۇ

alkuyi.com
2020-11-26
來源:sina

ھازىر ئاپتوموبىل كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئويناپ، كىشىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىدىكى زۆرۈر قاتناش قورالىغا ئايلاندى، كۆپچىلىكنىڭ ئىقتىسادىي ئىقتىدارىمۇ ئۆسۈۋاتىدۇ، ئاپتوموبىل سېتىۋالىدىغانلارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. گەرچە ئاپتوموبىل كۆپچىلىككە ناھايىتى زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپچىلىككە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنىمۇ ئېلىپ كەلدى، يولدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يۈز بېرىدىغان قاتناش ۋەقەلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. قاتناش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، دۆلەت بەلگىلىگەن قاتناش قانۇن-نىزاملىرىمۇ بارغانسېرى كەسكىنلەشمەكتە. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ٪60 قاتناش ھادىسىسى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، شۇڭا ئالاقىدار تارماقلار ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەرنى ئېغىر جازالايدۇ، قاتناش قانۇنىدا بۇ تۆت خىل قىلمىشنىڭ ھەممىسى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ھېسابلىنىدۇ، يەنى، ئاپتوموبىل ھەيدىمىسىمۇ 12 نومۇر تارتىلىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.


بىرىنچى خىلى، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاپتوموبىلدا ئۇخلاش

يېڭى قاتناش قائىدىسىدە بۇ ئىككى شەرت قانائەتلەنسىلا، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش دەپ ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بىرىنچى شەرت شۇكى، سىز ھەقىقەتەن ھاراق ئىچتىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسپىرت مىقدارى بەلگىلىك ئۆلچەمگە يەتتى، ئىككىنچى شەرت بولسا ئاپتوموبىل ئاللىقاچان قوزغىلىش ھالىتىدە تۇردى، ھەتتا ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە ئاپتوموبىلدىكى ئاۋازلىق ئۈسكۈنىلەر ئېچىلغان تەقدىردىمۇ قوزغىلىش ھالىتى ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىسە بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ ئاپتوموبىلدا ئۇخلايدۇ، نەتىجىدە قاتناش ساقچىسى ئۇنى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن، دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ، بۇ يەنىلا ناھايىتى زىيانلىق. شۇڭا، بىز بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققان تەقدىردىمۇ، ئاپتوموبىلنى چوقۇم قوزغاتماسلىقىمىز كېرەك ھەتتا ئارقا رەتتە ئۇخلىغان تەقدىردىمۇ شۇنداق، بولمىسا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ھېسابلىنىمىز.


ئىككىنچى خىلى، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاپتوموبىل يۆتكەش

يەنە نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئاشخانىدا تاماق يەۋاتقاندا ئاپتوموبىلىنى مېھمانخانا ئىشىكى ئالدىغا ياكى ماشىنا توختىتىش ئورنىغا توختىتىپ قويىدۇ. بەزىدە ھاراق ئىچسىمۇ ئاپتوموبىل ھەيدىسە بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاپتوموبىلنى ئۇ يەردە توختىتىش ئەپسىز، شۇڭا ئاپتوموبىلنى يۆتكەپ دەپ بىرەر جاينى تېپىپ ئارام ئالىدۇ، لېكىن بۇمۇ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر قاتناش ساقچىسى بايقاپ قالسا، 12 نومۇر بىۋاسىتە تارتىلىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك تەلەي سىناش پوزىتسىيەسىدە بولماسلىقى كېرەك، ئەگەر قاتناش ساقچىسىغا تۇتۇلۇپ قالسا يەنىلا قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ.


يەنە بىر خىلى، ھاراق ئىچىپ ھەيدەلگەن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش

ئەگەر ئاپتوموبىل ئىچىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھاراق ئىچسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە شوپۇرمۇ ھاراق ئىچسە، ئاپتوموبىل ئىچىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى جازالىنىدۇ. شۇڭا، ئەگەر ھاراق سورۇنىدا بولساق، چوقۇم ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەرنىڭ ھاراق ئىچىشىنى قەتئىي توسۇشىمىز كېرەك، بۇنىڭدا ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. ھازىر ئاپتوموبىللار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەگەر ھاراق ئىچسە ئاسانلا ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ، ئەگەر قاتناش ساقچىلىرى تەكشۈرۈپ كۆرسە، بىۋاستە 12 نومۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ، يەنە يۇقىرى سوممىلىق جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئېغىر بولغاندا يەنە توختىتىپ قويۇلىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشى ئۈچۈن، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمىز.