پېشقەدەم لاتارىيەچى 300 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-09
來源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتش مەركىزى

10 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، تەلەيلىك لاتارىيەچى يې ئەپەندى ساۋەن ناھىيەسىدىكى 65429302 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، يەنى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «ئەل ئامان، خەلق خاتىرجەم» لاتارىيە بېلىتى بويىچە بويىچە 300 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن! 65429302 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى تىجارەت باشلاپ بىر ئاي ئىچىدىلا 300 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپات چىقتى! ھەقىقەتەن مۇكاپاتقا تولغان جاي ئىدى!

يې ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ پېشقەدەم لاتارىيەچىسى، شۇنداقلا سادىق مەستانىسى، يېقىندا ئۇ ئوغلىغا تويلۇق ئۆي سېتىۋالماقچى بولدى، لىكىن ئازراق پۇل كەملەپ قالدى! ئەمدى ياخشى بولدى، تۇيۇقسىز كەلگەن ئامەت ئۇنىڭ غېمىنى يۇقاتتى! 10-ئاينىڭ 20-كۈنى، يې ئەپەندى ئالدىنقى ئاخشىمى چۈشىدە كۆرگەن ئالتۇن يامبۇنى ئېسىگە ئېلىپ، مۇكاپات چىقىشنىڭ بېشارىتى بولارمۇ دەپ ئويلاپ، 65429302 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولدى. يې ئەپەندى كۆڭۈل ئېچىش كەيپىياتى بىلەن ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ، ئۈچ پارچە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش لاتارىيە بېلىتى تاللاپ ئويناشقا باشلىدى. ئۈچىنچى پارچە «ئەل ئامان، خەلق خاتىرجەم» لاتارىيە بېلىتىگە كەلگەندە، ئۇ:« شياۋيۈەن، شياۋيۈەن، قاراڭ، بۇ ئۈچ ساليوتنىڭ مەنىسى نېمە؟»-دەپ سورىدى، مال ساتقۇچى شياۋ يۈەن لاتارىيەنى قولىغا ئېلىپ:« يې ئاكا! بۇ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات! بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات! 300 مىڭ يۈەن!»-دېدى، يې ئەپەندى قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى: ـــ« ھا، ھا، ھا، ھا! بەك ياخشى بولدى! ماڭا 300 مىڭ يۈەن چىقىپتۇ!»-دېدى.

مۇكاپاتنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، يې ئەپەندى:« پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى ھەقىقەتەن ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر ئىكەن! مېنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىم ھەل بولدى، ھازىر مېنىڭ بېشىمدىكى چوڭ تاش ئاخىرى تاشلىنىپ قالدى، ئېرىشكەن مۇكاپاتىمنى ئوغلۇمغا تويلۇق ئۆي ئېلىپ بېرىمەن! ھەقىقەتەن ئادەمنى بەك ھاياجانلاندۇرىدىغان ئىش بولدى!»-دېدى.

1.png